ئېلىمىزدە 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق

     ئېلىمىزدە ھازىر 70مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس بار. ئۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق. ئەمما ئاز بىر قىسىم ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆچۈشنى خالىمايۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئادەمگە، جايغا قاراپ سىياسەتنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا يۆلەش كېرەك. مۇخبىر يېقىندا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ساڭجى ناھىيەسىگە بېرىپ، ساڭجى ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار توپلارغا قارىتىلغان گرادىئېنتلىق كۆچۈرۈش «قوياش نۇرى ھويلىسى» يېڭى ئۇسۇلىنى زىيارەت قىلدى.

       ساڭجى ناھىيەسى ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونىدا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 14 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ بىرى، نامرات نوپۇس 119مىڭ، ئۇنىڭ ئىچىدە 36مىڭ كىشى چوڭقۇر تاغ جىلغىسىدا ۋە تاغلىق سوغۇق رايونلاردا تۇرىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۇلارنى تاغدىن چۈشۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ نامرات نوپۇسقا قارىتا، ھۆكۈمەت مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن يەنە ھەر بىر ئائىلىگە 10مىڭ يۈەندىن 25 مىڭ يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىپ، ئۇلارنىڭ تاغدىن چۈشۈش، يېڭى ئۆي سېلىشىغا ياردەم بەردى. ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار بەزى ئائىلىلەرگە قارىتا، ساڭجى ناھىيەسى «قوياش نۇرى ھويلىسى» ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەر بىر يۈرۈش ئۆينىڭ كۆلىمى 30كۇۋادىرات مېتىردىن 60 كۇۋادىرات مېتىرغىچە بولۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى ھۆكۈمەتكە تەۋە، كىرىپ ئولتۇرسا ھەقسىز.

     «قوياش نۇرى ھويلىسى»نى سېلىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلدى. بىر تەرەپتىن كونا ئۆي بىلەن ئارلىقى بۇلۇش، ئەسلىدىكى ئېتىز-ئېرىقلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلەشكە ئېتىبار بېرىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن قاتناش بىر قەدەر قولايلىق بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىلدى.

       2015-يىلنىڭ بېشىدا، سىناق تەرىقىسىدە شۈجياپىڭ «قوياش نۇرى ھويلىسى» سېلىندى. ھازىرغىچە 24 قوياش نۇرى ھويلىسى سېلىندى، 306 ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار ئائىلە بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.

        نۆۋەتتە بۇ خىل ھەقسىز تۇرالايدىغان، تەكرار ئىشلىتەلەيدىغان قوياش نۇرى ھويلىسى ئەندىزىسى ساڭجى شەھىرىدە ئومۇملاشتۇرۇلدى، 2019-يىلغىچە 1600 يۈرۈش قوياش نۇرى ھويلىسى سېلىپ، پۈتۇن ناھىيەدىكى بارلىق يېزىلاردىكى ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانلاندى.



خەتكۈچلەر:
21-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek