ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان 9000 نەپەر ئىستۇدېنت ئىگىلىك تىكلەشنى ھەقسىز ئۆگەنسە بولىدۇ
مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچ بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 2015-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان 9000 نەپەر ئوقۇغۇچىغا قارىتا ئىگىلىك تىكلەش كۇرسى ئېچىشنى پىلانلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىگىلىك تىكلەش ئازۇسى بارلار شۇنداقلا 2015-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئىستۇدېنتلار بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئاساسلىق تەربىيەلەش ئوبيېكتى قىلىنىدىكەن.ئۇلار ئىگىلىك تىكلەش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش پىلانىنى تۈزۈش، ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلىنىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھەققىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى ئۈستىگە ئالىدىكەن، ھەر بىر قارار كۇرسنىڭ تولۇقلىما پۇلى 12 مىڭ 500 يۈەن بولۇپ، بۇ ھەممىباب ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش تولۇقلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم-پەن ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ سانائەت-قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار خەۋەرلىرىگە دىققەت قلىپ تۇرۇشى، ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار «شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي ساھەگە كىرىش ئىقتىدارىنى تەربىيەلەش » مەخسۇس تورى (xj.tynlpx.com)غا كىرىپ تور ئارقىلىق ئۆگەنسە بولىدىكەن.
13-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
4-ئاينىڭ 27-كۈنى سىچۈەندىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي تور ئالاقە تورىدا مەكتەپنىڭ بىر يۈرۈش سۈرىتنى چىقارغان، سۈرەتتە ئايلانما ئىشىك، چوڭ ياي شەكلىدا سېلىنغان ئوقۇتۇش بىناسى، ياۋروپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان كوچا، بوئىن ئايروپىلانى قاتارلىق ...
|
 |
مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلدىن باشلاپ مەجبۇرىي مائارىپتىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «ئەخلاق ۋە تۇرمۇش»، «ئىدىيىۋى ئەخلاق» قاتارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئىسمىنى ...
|
 |
ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى لۇغەتلەرنى تەكشۈرۈش-بېكىتىش مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنى 29-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
سۆھبەت يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ لۇغەتچىلىك خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى ...
|
 |
كىشىلەر دائىم تەبئىي تالانتلىق كىشىلەر بىلەن ساراڭلارنى ئانچە چوڭ پەرقى يوق دەپ قارىشىدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيانقى بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بۇ ئىككى خىل كىشىلەر توپىنىڭ پەرقى تېخىمۇ كىچىككەن. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگ...
|
 |
«كىچىك 211» ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئوتتۇرا غەربىي رايونلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن 2012-يىلى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتې...
|
 |
4-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلى...
|
 |
4-ئاينىڭ 25-كۈنى 18 ياشقا كىرگەن ۋاڭ يۈشۈەن ئۆزىنىڭ نەچچە يىل بۇرۇنلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ۋاڭ يۈشۈەننىڭ ئۆيى ئۈرۈمچى مەرھابا يولىدا بولۇپ، ھازىر ئۇ ئۈرۈمچى جوڭجى خەلقئارا مەكتىپىدە ...
|
 |
يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىدىن چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەنلەر سانى دەرىجە قاتارى ئېلان قىلىنىپ، 2015-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 196 تولۇق ئوتتۇرىدىن چىڭخۇا ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكە...
|
 |
25-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، سۇجوۋ ئۇنىۋېرسىتېتى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى بىر تۈركۈم ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنى ئەتلەستە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كۇرسى ...
|
 |
مەنزۆھرە ئىبىراھىم
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىپ، خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ، مەرتىۋىسى يۇقىرىلاپ، ھۆرمىتى ئېشىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار ھەم بىلىملىك، قابىلىيەتلىك، كەمتەر، كىچىك پېئىل بولغاچقا،...
|