جاھان ئاگېنتلىقى 20-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيتىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ھازىرقى پرېزىدېنت دەرۋىش ئەر ئوغلۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئەمما ھېچقايسى نامزات 50% لىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سايلام ئىككىنجى باسقۇچقا قېلىپ قالدى. 26-ئاپرېلدىكى ئىككىنجى باسقۇچلۇق سايلامدا ئەر ئوغلۇ بىلەن مۇستاپا ئاكىنجى رىقابەتلىشىدۇ.
بۇ سايلامدا مۇستەقىل نامزات ۋە پرېزىدېنت دەرۋىش ئەر ئوغلۇ يۈزدە 28.18% نىسبەتتە بىرىنجى قاتاردا تۇردى. سابق لەتكوشا شەھەر باشلىقى مۇستاپا ئاكىنجى بولسا يۈزدە 26.92% نىسبەتتە ئىككىنجى ئورۇندا تۇردى. سىپرۇس خەلقى كىلەر يەكشەنبە كۈنى قايتىدىن بىلەت تاشلاپ ئەر ئوغلۇ بىلەن مۇستاپا ئاكىنجى ئارىىسدا سايلام ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ قېتىملىق سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى يۈزدە 62% بولۇپ، ئۈچىنجى قاتاردىكى نامزات بولسا جۇمھۇرىيەتچى تۈرك پارتىيىسى نامزاتى ۋە مەجلىس باشلىقى سىبەل سىبەر يۈزدە 22.54% ئاۋازغا ئېرىشتى. سابق باش مۇزاكىرىچى قۇدرەت ئۆز ئەرساي يۈزدە 21.54% ئاۋازغا ئېرىشتى. مۇستەقىل نامزات ئارىف سالىھ قىرداغ، سىپرۇس سوتسىيالىستىك پارتىيىسى نامزاتى مۇستاپا ئونۇر ئەر ۋە مۇستەقىل نامزات مۇستاپا ئۇلاشنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى يۈزدە 1% تىنمۇ تۈۋەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ! ئىزدەش نامى: LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved