شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئارگېنتىنا ئەلبېشى ماكرى تاشقى پېرۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى، پەيشەنبە كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:30 دىن كېيىن، ئارگېنتىنا پېسوسىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى شىددەت بىلەن چۈشتى، بىراقلا %41 چۈشكەندىن كېيىن بازار يېپىلدى.
16-دېكابىر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ئېلان قىلدى، شۇ كۈنى ئەمدىلا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن يېڭى ئەلباش ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ تۆت يىل داۋاملاشقان تاشقى پېرۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تاشقى پېرۋوت نىسبىتىنى ئەركىن تەۋرىنىشىگە يول قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بانكا ۋە تاشقى پېرۋوت بازىرىدا 17-دېكابىر بازار باشلانغاندىن كېيىن، بىر دوللار 15 پېسو بولدى، 16-دېكابىر كەچتىكى 9.80 لىك باھاغا سېلىشتۇرغاندا، تەخمىنەن %30 چۈشۈپ كەتتى. بۇ ئارگېنتىنا پېسوسىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى قىممىتى ئەڭ چوڭ چۈشكەن بىر كۈنگە ئايلاندى، شۇ كۈنى ئەڭ يۇقىرى چۈشۈش نىسبىتى %41 كە يەتتى.
ئارگېنتىنانىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى مەزگىلىدىكى تايلانىدنى ئەسلەتتى. 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، تايلاند ھۆكۈمىتى مۇقىم پېرۋوت تۈزۈنىدىن ۋاز كېچىپ، ئەركىن تەۋرىنىدىغان پېرۋوت تۈزۈمىنى يولغا قويغان، كېيىن شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا ئومۇميۈزلۈك پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بەرگەن. گولدىمان ساكىس ئىلگىرى لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە 1997-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى تەكرارلىنىۋاتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
تۆت يىلدىن بۇيان پېسونىڭ قىممىتى %230 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى
ئۆز پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى ئاۋال زەربە بېرىدىغان تەسىر بولسا «پۇل قىممەتكە يارىمايدۇ»، مال باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ئېمپورت ماللارنىڭ باھاسى تېخىمۇ قىممەتلەيدۇ. باركىلەيىس بانكىسى ئانالىزچىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2016-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئارگېنتىنانىڭ پۇل پاخاللىقى ئېشىپ %47 كە يېتىدىكەن.
ئوخشاشلا ئۆز دۆلەت ئېكىسپورت مەھسۇلاتىنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئەرزانلايدۇ. ئەسلىدىكى بىر دوللار قىممىتىدىكى ئارگېنتىنا مېلىنى ئامېرىلىكىقلار بىر كېچە ئۇخلاپ قوپاپلا پەقەت 0.7 دوللار سەرپ قىلىپلا سېتىۋالالايدۇ.
ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى تاشقى پېرۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ، تاشقى پېرۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئېلان قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئارگېنتىنا مەركىزى بانكىسى مۆھلىتى 35 كۈنلۈك ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتىنى %9 كۆتۈرۈپ %38 كە چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن مال باھاسىنى كونترول قىلىپ مەبلەغ سېلىشنى جەلىپ قىلغان.
فېد ئۆسۈم ئۆستۈردى، ئارگېنتىنا تاشقى پېرۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلدى، پېسونىڭ قىممىتى بىر كېچىدىلا %41 چۈشۈپ كەتتى، ئارگېنتىنانىڭ ئالدىنقى ھۆكۈمىتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تاشقى پېرۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئارگېنتىنا پېسوسىنىڭ قىممىتى %230 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى، تاشقى پېرۋوت زاپىسى يېرىم ھەسسە كېمىيىپ، ئارگېنتىنا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە قەدەر، ئارگېنتىنانىڭ تاشقى پېرۋوت زاپىسى 24.282 مىلىيارد دوللارغىچە چۈشۈپ كېتىپ، 2006-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتا ياراتتى. 2011-يىلى تاشقى پېرۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىدىن ئىلگىرى ئارگېنتىنا 52 مىلىيون دوللار تاشقى پېرۋوت زاپىسىغا ئىگە ئىدى.
پېسونىڭ داۋاملىق قىممىتى چۈشەمدۇ؟
پۇل بىر خىل كىردېت، پۇلنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىشەنچىگە باغلىق.
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئارگېنتىنا پېسوسىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ 12 يىلدىن بۇيانقى تاق كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى چۈشۈش رېكورتى ياراتتى، 4-ئاينىڭ 16-كۈنىگە قەدەر، ئارگېنتىنا پېسوسىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرۋوت نىسبىتى جۇغلانما %22.73 چۈشۈپ كەتتى. بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ 2013-يىلى پېسسونىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىش نىسبىتى %32.6 لىك ئاساسىدا قايتا چۈشۈپ كەتتى.
مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆستى، ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى ئازاب كۆرسەتكۈچى ئارگېنتىنادا پۈتۈن دۆلەت خاراكتىرلىك ئىش تاشلاپ، مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش پەيدا قىلدى.
بۇ بىر قېتىملىق ئىقتىسادى قالايمىقانچىلىق، ئارگېنتىنالىقلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئاللىقاچان نورماللىشىپ قالدى. ئارگېنتىنا 1982-يىلى، 1989-يىلى ۋە 2001-يىلى كۆپ قېتىم ئىقتىسادى كىرزىسنى بېشىدىن كەچۈرگەن، بۇ « ھەربىر ئارگېنتىنالىقنى ئىقتىسادشۇناس» قا ئايلاندۇرغان، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، «كېيىنكى قېتىملىق ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ پەيدا بولىشى پەقەت ھامىنى يۈز بېرىدىغان ئىش خالاس.»
كۆپ قېتىملىق يارلىنىشتىن كېيىن، ئارگېنتىنالىقلار دوللار توپلاپ نەق ئالماشتۇرۇپ ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئادەتلەندى، پۇل پاخاللىقى ۋە پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىغا ئادەتلىنىپ قالدى.
ئارگېنتىنالىقلار دوللارنى قولدا تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتى مەسىلىنى ئەڭ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئارگېنتىنالىقلار كىشى بېشى 1500 دوللارغا ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى ئامېرىكىلىقلاردىن سىرت كىشى بېشى دوللارغا ئىگە بولۇش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت كىشلىرى ئىكەن، قوشنا دۆلەت برازىلىيەلىكلەرنىڭ كىشى بېشى دوللارغا ئىگە بولۇش مىقدارى پەقەت ئالتە دوللاركەن. پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسى ئېچىۋېتىلگەن قوشنا دۆلەت ئۇرۇگۋايدا ئارگېنتىنالىقلارنىڭ دوللار ئامانەت ئومۇمى سوممىسى 26 مىلىيارد دوللارغا يەتكەن. گەرچە ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ كىرىمى پېسو بولسىمۇ، ئەمما %80 توختام بانكىدىن قەرز ئېلىش ۋە ئىناۋەتلىك تالوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممىسى دوللار بويىچە ھېسابات قىلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە ئارگېنتىنا قاراڭغۇ بازىرىدا بىر دوللارنى 14.5 پېسوغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئارگېنتىنا پۇقرالىرى پېسوننىڭ قىممىتىنى داۋاملىق چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.
يېڭى ھۆكۈمەت تاشقى پېرۋوت بازىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كەمىدە 20 مىلىيارد دوللار مەبلەغ كاپالىتىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا مەركىزى بانكا كەلگۈسى تۆت ھەپتە ئىچىدە 15 مىلىياردتىن 20 مىلىيارد دوللارغىچە تاشقى پېرۋوت زاپىسىنى ئاشۇرىدۇ.
ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس نېمە؟ ئانالىزچىلار ئاساسلىقى ئۆز پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى ئاشۇرىدۇ ھەم جەمىيەتتە تەۋرىنىش پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن دەپ قارىدى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved