17-ماي چۈشتە، دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۈن ۋىتنام مەركىزى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى چېن داگۇاڭ بىلەن تېلىفونلىشىپ، ۋېتنامدىن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بارلىق زوراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى قەتئىي توسۇشنى، ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋەقەسى سادىر قىلغان قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاپ، جۇڭگونىڭ ۋېتنامدىكى ئاپپاراتلىرى، كارخانلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى.
گو شېڭكۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
ۋېتنامنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيىتى بار.
جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يۇقارقى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق چۆچىيىدۇ ھەم غەزەبلىنىدۇ، ۋېتنامنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلىمىگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ھەم قەتئىي سۆزلىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved