بوسك: كاسىللاسنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتمىدى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

جۈمە كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە 1-2 نەتىجە بىلەن سروفاكقا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە باشتىن ئاخىرى ئاكتىپلىق ھالىتىدە ئىدى، ئەكسچە ئۇلار رەقىبى تەرىپىدىن ئىختىيارى توپ كىرگۈزۈش ۋە تۇيۇقسىز قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش سەۋەبىدىن ئىككى توپ ئۇتتۇرۇپ ئاخىرىدا بۇ مەيدان مۇسابىقىنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

 

بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن سۆز ئاچقاندا  ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى بوسك مۇنداق دېدى:«بۇرۇنقى مۇسابىقىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ سىروفاك كوماندىسى بىلەن ئوينىغاندىكى ئىپادىمىزدە ھېچقانداق چوڭ ئوخشىماسلىق يوق.ماچتۇن ۋە سىروفاك كوماندىسىنىڭ ئۇسلۇبى ئوخشاش، بىز ئۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ ئاكتىپ ھالەتتە ئىدۇق. ھەم ئاخىرىدا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق.ئەمەىيەتتە سىروفاك مۇسابىقە جەريانىدا ئۇنچە كۆپ ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتالمىغانىدى. بىراق ئۇلار غەلبىلىك ھالدا ئىككى تو كىرگۈزدى. بىراق بىزنىڭ ئەھۋالىمىز پۈتۈنلەي ئەكسچە. بۇنداق ئىشمى چۈشەندۈرمەكمۇ ناھايىتى تەس كېلىدۇ. بەلكى بىزنىڭ تەلىيىمىز كەلمىگەندۇ.»

 

«ئېنىقكى ئەزالىرىمىز بىر توپ كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ھەممىسىنىڭ روھى چۈشۈپ كەتتى، بۇ توپ ئۇتتۇرغاندىن كېيىنكى نورمال ئەھۋال.بىز ھازىر لۇسىنبۇرگ بىلەن بولغان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بىز چوقۇم ھېچقانداق بىخەستىلىك قىلماسلىقىمىز كېرەك. مېنىڭ شەخسى قارىشىم بويىچە ئېيتقاندا مېنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىم يامان ئەمەس. گەرچە بۇنداق كەيپىياتنى تەڭشىۋالماق بەك قىيىن بولسىمۇ…»

 

سىروفاك كوماندىسى بىرىنچى توپنى كىرگۈزۈش جەريانىدا كاسىللاسقا ئەسلىدە توپنى توسىۋالالايدىغان پۇرسەت بار ئىدى. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ قول ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلالمىغانىدى. توپ ئۇنىڭ ئالقىنىغا تېگىپ تۇرۇپمۇ يەنە ۋاراتارغا كىرىپ كەتتى. كاسىللاس بۇ ئىش ئۈچۈن بەزى ئاخبارات ۋاستىسى ۋە توپ مەستانىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.  بۇ ئىشقا قارىتا بوسك مۇنداق دېدى:«كوماندا ئۇتتۇرغاندىن كېيىن كىشىلەر دائىم بىر نەپەر توپچىنى بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبكارى دەپ قارايدۇ. بۇ بىر خىل نورمال ئەھۋال. مېنىڭچە كاسىللاس ئۆز ۋەزىپىسىنى ناھايىتى ياخشى ئادا قىلدى، كىشىلەر ئۇنىڭ توپ كەتكۈزگىنىنىلا ئەمەس قالتىس ئىپادىلىرىگىمۇ قاراپ قويۇشى كېرەك ئىدى، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئىقتىدارى ھەرگىزمۇ تۆۋەنلەپ كەتمىگەن. سىروفاك بىلەن بولغان مۇسابىقە جەريانىدا، يەنى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 15 مىنۇت بولغاندا كاسىللاس ناھايىتى ھالقىلىق بولغان توپتىن بىرنى توسۇۋالدى. بۇ كوماندىمىزنىڭ باشتىلا توپ كەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. دۆلەت كوماندىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كاسىللاس ھەقىقەتەن قالتىس توپچى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئۈچۈن پەخىرلەنسە بولىدۇ.»

 

«دىياگو كوستا؟ دۆلەت كوناندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىدە ئۇنىڭ تەلىيى ئانچە ئوڭدىن كەلمەيۋاتىدۇ.بىراق ئۇ ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىدە قالتىس ھۇجۇمچى. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ مادرىد رىقابەت كۇلۇبى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ توپ كىرگۈزدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىمۇ توپ كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.بىراق قېرىشقاندەك توپ كىرگۈزەلمەسلىكى ئۇنىمۇ بەك بىئارام قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالالايدۇ.»



خەتكۈچلەر:
11-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    3-ماي چۈشتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە قىزىرىپ پىشقان گۆشكىردىگە ئېغىز تېگىپ، ئۆزگىچە تائام مەدەنىيىتىمىزدىن يەنە بىر قېتىم سۆيۈنگەن بولسام، 4-ماي چۈشتە بىز ئولتۇرغان جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانى گۇاڭجۇ...
07-05-2016
    گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، بايرىن مىيۇنخېن قاپقىچىسى نويېرنىڭ 2015-2016-پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچىسى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق باھالاشتا، نويېر لېۋېركۇسېن قاپقى...
07-05-2016
    دورتموند ئورگان تورىدا گۇندوغاننىڭ تىزى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوندوغاننىڭ تىزى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، يەكشەنبە كۈنىدى...
06-05-2016
    «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بارسېلونا ئىككى ھۇجۇمچىنى كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرسى سىۋېللا ھۇجۇمچىسى گامېرى، يەنە بىرسى بولسا لاكورونىيە ھۇجۇمچىسى لۇكاس پېرېز ئىكەن. بارسېلونانىڭ كەينى كەينىدى...
06-05-2016
     ۋاڭيى تورى 6-ماي تەنتەربىيە خەۋىرى، NBA شەرقىي رايون يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى مەيدان كۈچ سىنىشىشتا ئەجدىھا كوماندىسى تۆت كونتىيور كەسكىن رىقابەتتىن كېيىن قوشۇمچە مۇسابىقە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەيدانىدا 96:92 ...
05-05-2016
    مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، مېھمان مەيداندا 1 : 2 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇ...
04-05-2016
     ئەتە سەھەر ئوينىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مانچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ مۇداپىيەچىسى زابالېتا ئ...
04-05-2016
      قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چېلىشىشقا ئامراق ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئوغلانلار›› مىللىيچە چېلىشىش...
04-05-2016
     لېيچېستېر شەھىرى بۇ پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ مەشقاۋۇلى رانېرىمۇ بىرلەشمىنىڭ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. رانېرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن ...
04-05-2016
    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشدا خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئىنگلاند زەردارى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن 0-0 تەڭلىشىپ قالدى. ناۋادا ئەتە سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدى...
Powered by Leglek