كارىننا كاپور. 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان. ھىندىستانلىق داڭلىڭ ئايال چولپان.
خەنزۇچە ئىسىم يېزىلىشى : 卡琳娜。卡普
ئېنگىلىزچە ئىسىم يېزىلىشىKAREENA KAPOOR.
دۆلەت تەۋەلىكى: ھىندىستان
بوي ئېگىزلىكى:170cm
كەسپى:ئاكتىيورلۇق
دىنىي ئېتىقادى: ئىسلام دىنى (مۇسۇلمان)
ئىشلىتىغان تىلى : ئوردۇ تىلى
دادىسى: :RANDHIR KAPOOR، ئاكتىيور
ئاپىسى: BABITA KAPOOR.ئارتىس
ئاچىسى: KARISMA KAPORR. بوللىۋوددىكى داڭلىق ئارتىس
يولدىشى : سەئىد ئەلى خان ، داڭلىق ئارتىس،saif ali khan.
كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ھاياتى
كارىننا كاپور 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان. قانۇن كەسپىدە ئۇقۇغان بۇلۇپ ئارزۇسى خارۋاد ئۇنۋېرستىتىنىڭ قانۇن دوكتۇرلىقىغا ئېرىشىش بۇلۇپ، لېكىن دۇنياغا داڭلىق ھىندىستان ھېكايە فىلىمى سەرگەردان نىڭ رولچىسى لازا كاپورنىڭ نەۋرىسى،مومىسى بولسا داڭلىق گۈزەل ناخشىچى، ئاتا -ئانىسى ۋە ئاچىسى كارىسما كاپور داڭلىق بوللىۋود چولپانى بولغان كارىننا كاپور تەقدىرنىڭ چاقچىقى بىلەن ئۇ قانۇن دوكتۇرى ئەمەس ئەكىسچە ، ھىندىستاننىڭ كۈمۈش دۇنياسى بوللىۋپدنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنىغا ئايلانغان.
كارىننا كاپور گەرچە داڭلىڭ ئارتىسلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئالىي مەكتەپنى قانۇن كەسپىدە ئۇقۇغان، بىراق ئاقىۋەتتە يەنىلا باشقىلار تەرىپىدىن كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرگۈزۈلگەن،ئۇنىڭ رول ئېلىشتىكى ماھارىتى ۋە گۈزەللىكى ھەممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى ئۇ ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپانلىرىدىن بىرى بولغان، ئابىشخېك باچچان بىلەن بىرلىكتە ،تۇنجى فىلىمى دا رول ئالغان. گەرچە ئىپادىسى ئانچەكۆرىنەرلىك بولمىسىمۇ‹REFUGEE›
چوڭلارنىڭ ئىلھاملاندۇرشى بىلەن، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. بۇ فىلىمنىڭ رېژىسورى ج.پ.دۇتاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ فىلىم بىر مەغلۇبىيەت ئىدى. چۈنكى تۇغۇلىشىدىنلا چىرايلىق كارىننا كاپورغا قېنىق گىرىم قىلىپ ياساندۇرۇش بىر چوڭ خاتالىق ئىدى، ئەمما شاھرۇلخان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ‹شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ› ‹شاھزادە ئاشوك› قاتارلىق فىلىملەردە ئۇنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان.
2001-يىلى ھىندىستانلىق داڭلىق رېژىسور كاران. چاخار ئىشلىگەن ‹شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ› ۋە شارۇلخان بىلەن ھەمكارلىشىپ رول ئالغان فىلىم ‹ شاھزادە ئاشوك› تا مەلىكە رولىنى ئالغان كارىننا كاپوور ناھايتى تېزلا ھىندىستاننىڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئايال كىنو چولپىنىغا ئايلانغان. ئارقىدىنلا 2004-يىلى ئىشلەنگەن ‹ئېتىراز› فىلىمىدە،رېژىسور ئەڭ ئاساسلىق كۆرىنىشنى بىرئېرىنىىڭ جىنايەت نامىنى ئاقلاپ چىققان ئايال ئادۇۋكاتقا قارىتىدۇ (كارىننا كاپور) ئايال ئەرنى قۇتقۇزدىغان مەزمۇندىكى بۇخىل فىلىم ھىندىستان كىنولىرىدا ناھايتى ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا ، بۇ فىلىم ناھاتى بەك ئالقىشقا ئېرىشكەن.
2007-يىلى كارىننا كاپور ، ئالدىنقى ئوغۇل دوستى شاشىدې كاپور بىلەن ‹jab we met ‹
فىلىمىدەھەمكارلىشىپ،ئوڭۇشلۇق ھالدا، ئوماق،ساددا،تۈزكۆڭۈل قىزگېتنىڭ رولىنى ئالغان. 2008-يىلى 4- ئايدا قۇيۇلغان
‹سالاپەت›فىلىمدا كارىننا كاپور داڭلىق ئارتىسلاردىن ئاكشاي كۇمار، سەئىف ئەلى خان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. كېيىنكى يېرىم يىلدا يەنى 10-ئايدا ئۇ يولدىشى سەئف ئەلىخان بىلەن ھەمكارلىشىپ ، دېسنى ۋە بوللىۋود شېركىتى ئىشلىگەن ‹سەرگەردان ئىت رومىيئو› فىلىمىدە بىرجۈپلەرنىڭ رولىنى ئالغان. 2009-يىلى ئۇ يەنە رېژىسور سەبىرخاننىڭ يول كۆرىستىشى بىلەن ئامرىكىلىق بىرنەچچە داڭلىق ئارتىس ۋە ئاكشاي كۇمار بىلەن ھەمكارلىشىپ 难以置信的爱فىلىمىدە رول ئالغان. كارىننا كاپور قاتارلىق بىر قىسىم بوللىۋود چولپانلىرى،بىرقەدەم بىرقەدەمدىن ئىلگىرلەپ دۇنياۋى چولپانلار قاتارىغا ئۆتىۋاتىدۇ، بۇ چولپانلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ھىندىستان رىۋايىتىنى يېزىۋاتىدۇ.
كارىننانىڭ قىزىقىشى ۋە خارەكتىرى
كارىنا كاپورنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكى: شوخ چىقىشقاق، يوپكا ،كۆينەك كىيىشكە ئۆچ ، پىتنە-پاسات ئاڭلاشقا ئامراق ، ئات مىنىشنى ياقتۇرىدۇ . جۇڭگوچە،ئىتالىيەچە ، تايلاندچە تاماقلارنى ياقتۇرىدۇ. بەزى چاغلاردا ئۆز قولى بىلەن تاماق قىلىشنى ياقتۇرىدۇ . ئۇ ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىنو چولىنى راج كاپور بىلەن شاھرۇلخان.دەم ئېلىشنى ئاساسەن گۇئا ۋە لوندوندا ئۆتكۈزىدۇ.ئۇنىڭ دائىم دەيدىغان سۆزى : ئانسانلار دۇنياسى ئازاپقا تولغان، ئەمما ھەقىقى مۇھەببەت بەكلا قىممەتلىك كۆرىندۇ›.
ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسى
كارىننا كاپور ھازىر ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئاكتىيورلانىڭ بىرى، ئۇ داڭلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئاپىسى بابىتا ناھاتى بۇرۇنلا ئۇنىڭ دادىسى بىلان ئاجرىشىپ كەتكەن بولغاچقا كارىننا كىچىكىدىنلا ئانا مېھرىگە قانمىغان. دادىسى راندىر كاپور ، ئۆز زامانىسىدىكى ئەق داڭلىق كىنو چولپىنى ، كارىننا ھىندىستان كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىگە تەۋە. ئۇنىڭ بوۋىسى راج كاپور ، ئاچىسى كارىسما كاپور ( ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تېلۋىزىيە تىياتىرى مۆجىزە فىلىمىدىكى ئايال باش پىرسۇناژ، شاھرۇلخان بىلەن ۋە باشقا ئارتىسلار بىلەنمۇ كىنو ئىشلىگەن) مۇ بوللىۋودتىكى داڭلىق كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بىرى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved