ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 18-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئاينىڭ 15-كۈنى، ياپونىيەلىك بىر ساياھەتچى تايلاند پايتەختى باڭكوك سۇۋارنابھۇمى خەلقئارا ئايرودرومى (Bangkok Suvarnabhumi International Airport) دا ئوغرىلىققا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دېلو مەلۇم قىلغان، باڭكوك ساقچى دائىرىلىرى 16-چىسلا باڭراك رايونى (Bangrak area) دىكى مەلۇم بىر مېھمانسارايدا مەزكۇر ئوغىرلىق دېلوسىغا چېتىشلىق بولغان ئۈچ نەپەر جۇڭگولۇق ئوغرىنى قولغا چۈشۈرگەن.
كېيىن تېخىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بۇ ئۈچ جۇڭگولۇق ئوغرىنىڭ دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ياپونىيەلىك ساياھەتچىنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىغان ئوغرىلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاغان، ساقچىلار يەنە 130 مىڭ باخت نەق پۇل، ئىككى دانە ئىناۋەتلىك كارتىسى ۋە بىر دانە بانكا كارتىسى قاتارلىق زاڭ ماللارنى قولغا چۈشۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۈچ ئوغرىنىڭ ئىسمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا لى دېفا، شۇ جىيەنجۈن، سوڭ گۇاڭشۇ ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved