شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
شىنخۇا تورى مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنقەرەدىن بەرگەن تېلېگراممىسى . تۈركىيە بىلەن مالايسىيا 17-چېسلا ئەنقەرەدە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈردى .
شۇ كۈنى تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن مالايسىيا زۇڭلىسى بىرلىكتە سۆھبەت ئۆتكۈزدى . ئەردوغان سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى :‹ئاسىيا تىنىچ ئوكيان سىياسىي ۋەزىيىتى ناھايىتى مۇقىم ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى سىجىل ئېشىۋاتىدۇ ،شۇ سەۋەبتىن دۇنيا ئىقتىسادىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ .تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىت قىلىدۇ .تۈركىيە بىلەن مالايسىيا يېڭى بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ،ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىساد ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ›دېدى .
مالايسىيا زۇڭلىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ ، نۆۋەتتە تۈزۈلگەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈركىيە مالايسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ،مەن ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 2018-يىلىغا كەلگەندە 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن دېگەن .مالايسىيا زۇڭلىسى 16-چېسىلادىن باشلاپ ئىككى كۈن تۈركىيىدە زىيارەتتە بولدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved