يەر شارى تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرى (لەگلەك تورى تەرجىمىسى): شىياڭگاڭ «شەرق گېزىتى» نىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كانادادىكى بىر ئالىم ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارغا يۇقۇشى مۇمكىن بولغان زىيانلىق ۋىرۇسىنى جۇڭگوغا ئاپارماقچى بولغان، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى جىنايىتىگە ئىقرار بولغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جىنايىتى تونۇغىنى كاندا يېمەكلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى كلائۇس نىيېلسېن (Klaus Nielsen) ئىكەن. نىيېلسېن ۋە يۈ ۋېيلىڭ 2012-يىلى 10-ئايدا كانادا فېدېراتسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن شىكايەت قىلىنغان. بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن نىيېلسېن ئەينى چاغدا ئوتتاۋا ئايروپورتىغا ماڭغاندا قولغا ئېلىنغان، ئەينى چاغدا ئۇ 17 كىچىك بوتۇلكىغا تىرىك برۇتسېللا ۋىرۇسىنى يوشۇرۇۋالغان. بۇ خىل ۋىرۇس كالىلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى، بوغۇمى ۋە سۈت بېزىنىڭ يۇقۇملىنىشى ھەمدە تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. شېرىكى يۈ ۋېيلىڭ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشچە، بۇ خىل پاتوگېن ئاساسلىقى كالا، بۇغا، ئات قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ئەمما ئىنسانلارغىمۇ يۇقۇملىنىپ، يۇقۇملۇق زۇكام قىلىدىكەن. نۆۋەتتە تېخى ۋاكسىنا يوق، يامراپ كېتىشىنى كونترول قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى يۇقۇملانغان ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاشتۇر. نىيېلسېن ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved