جۇڭگو ئاخبارات تورى، 17-ئىيۇن تېلېگراممىسى: كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە سەھىيە تارماقلىرى 17-ئىيۇن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، كورېيەدە يەنە سەككىز ئادەمنىڭ ئوتتۇرا شەرق نەپەس ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(مېرس) بىلەن يۇقۇملىنىپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 162گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 18 ئادەمنىڭ ئەھۋالى تۇراقلىق ئەمەسكەن.
تۈنۈگۈن مېرس بىلەن يۇقۇملانغان سەككىز كىشىنىڭ ئىچىدىكى بىرى دوختۇر بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن كورېيەدە جەمئىي بەش دوختۇر بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانى تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدىلا تۇيۇقسىز 922 ئادەم كۆپىيىپ، ئومۇمىي سان 6508گە يەتكەن.
كورېيە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت مېرس بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالغان ياكى مېرس بىلەن يۇقۇملانغانلار كۆرۈنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىچىدىكى يۇقۇملانغانلار ۋە بۇ سەۋەبلىك ئايرىۋېتىلگەنلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان 13 دوختۇرخانىغا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، «مەركەزلىك باشقۇرۇش» ئېلىپ بارىدىكەن.
كورېيە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئادەتتە بۇ ۋىرۇسنىڭ ئەڭ ئۇزۇن يوشۇرۇن مەزگىلى 14 كۈن بولۇپ، بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان كىشىلەر 14 كۈن باشقا ئادەملەردىن ئايرىۋېتىلىپ كۆزىتىلىدىكەن.
بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقىدىمۇ مېرس بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى كىشى بايقالغان. گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 16-ئىيۇن ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەتتىكى 65 ياشلىق بىر ئەر مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا جىددىي خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكى بىلەن قازا قىلغان، بۇ ئەر قازا قىلىشتىن بۇرۇن ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بارغان بولۇپ، مېرس بىلەن يۇقۇملانغان.
بىلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نېفىت بازىرىنىڭ خارابلىشىشى رۇسىيەدە ساقلىنىپ قالغان باشقا ساھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلار گۈللەپ ياشناش ئۇسۇلىنى تاپتى.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن مالىيە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved