ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ مېترو قاتنىشى «3 يۈەن دەۋرى» گە قەدەم قويىدۇ. تۈنۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش باھا تەڭشەش سىياسىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئېچىلدى. بېيجىڭ ئاممىۋى قاتنىشىنىڭ يېڭى بىلەت باھاسى ئورتاق ھالدا ئىككىنچى خىل چارىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدىكەن. يەنى مېترونىڭ باھاسى 6 كىلومېتىر ئىچىدە 3 يۈەندىن باشلىنىدىكەن. ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ باھاسى 10 كىلومېتىر ئىچىدە 2 يۈەندىن باشلىنىدىكەن. ئېشىپ كەتكەنلىرىگە مۇساپىسىگە قاراپ باھاسى ئۆرلەيدىكەن.
بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش كوممىتىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە يولۇچىلارنىڭ مېترو ئىچىدە تۇرىدىغان ئەڭ ئۇزۇن ۋاقتىغىمۇ چەك قۇيۇلىدىكەن. تەپسىلىي ۋاقتى ھازىر تەتقىق قىلىنىۋاتقان بۇلۇپ يېڭى بېلەت باھاسى ئوخشاش ۋاقىتتا روياپقا چىقىدىكەن. ئېگىلىنىشىچە مېترو شىركىتى ھازىر خېلى كۆپ مېترو بىكەتلىرىدە توختاش ۋاقتى 4 سائەت بولغان بىر كىچىك سىناق ئېلىپ بارغان.
باھا تەڭشەش چارىسى
ئايلىق چىقىمى يۈز يۈەندىن ئاشسا ئېتىبار بار
بۇ قېتىملىق ئاممىۋى قاتناشنىڭ بېلەت تەڭشەش جەريانىدا تۆمۈر يول قاتنىشى ۋ يەر يۈزى قاتنىشى باھاسى ئىككىنچى خىل چارىنى ئاساس ئاساس قىلغانىكەن.تۆمۈر يول قاتنىشى ( ئايروپىلان ئىستانسسى لىنىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.) باھاسى 6 كىلومېتىر ئىچىدە ( كىلومېتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 3 يۈەن بولىدىكەن. 6 كىلومېتىردىن 12 كىلومېتىرغىچە (12 كىلومېتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )،4 يۈەن بولىدىكەن. 12كىلومېتىردىن 22 كىلومېتىرغىچە (22 كىلومېتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 5 يۈەن بولىدىكەن.22 كىلومېتىردىن 32 كىلومېتىرغىچە ( 32 كىلومېتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 6 يۈنە بولىدىكەن. 32 كىلومېتىردىن يۇقىرى بولغان قىسمىغا ھەر بىر يۈەن قوشۇلسا 20 كىلومېتىرغىچە يول يۈرەلەيدىكەن.
يەنە تۆمۈر يول قاتنىشىنىڭ يولۇچىلىرىنىڭ چىقىمىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆمۈر يول قاتنىشىنىڭ ئايلىق چىقىمى مەلۇم مىقداردىكى سوممىغا يەتسە پەلەمپەي ھالىتىدە ئېتىبار قىلىنىدىكەن. شەھەر قاتنىشى قولايلىق كارتىسى ئىشلىتىپ كارتا سۈركەيدىغان يولۇچىلار تۆمۈر يول قاتنىشىغا ئولتۇرغاندا ھەر ئايلىق كارتىدىن قىلىنغان چىقىم 100 يۈەن قېىمدىن ئاشسا باھاسىدا 20% ئېتىبار قىلىنىدىكەن.150 يۈەن قېتىمغا يەتسە باھاسىدا 50% ئېتىبار قىلىنىدىكەن.400 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە ھېچقانداق ئېتىباردىن بەھرىمان بولالمايدىكەن.
يەر يۈزى قاتنىشىنىڭ باھاسى 10 كىلومېتىر ئىچىدە (10 كىلومېتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) 2 يۈەندىن بولىدىكەن. 10 كىلومېتىردىن يۇقىرىسىغا ھەر بىر يۈەن قوشۇلسا بەش كىلومېتىر مۇساپىگەىچە ئولتۇرالايدىكەن. شەھەر قولايلىق قاتناش كارتىسىنى ئىشلىتىپ شەھەر ئاممىۋى قاتنىشىغا ئولتۇرسا شەھەر ئىچى لىنىيىسىدە ئادەتتىكى كارتىغا 50 % ئېتىبار قىلىنىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار كارتىسىغا 75% ئېتىبار قىلىنىكەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن مېتروغا ئولتۇرۇپ بېكەتتىن چىقماي پۈتۈن بىر كۈن ئىچىدە نەگە بارسىڭىز ئىككى يۈەن ئىدى. بىراق 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ «2 يۈەن دەۋرى» بىلەن خوشلىشىدىكەن.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved