مۆلچەرلىنىشىچە، 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇستىكى ياشانغانلار نوپۇسى (60 ياشتىن يۇقىرى) 400 مىڭدىن ئاشىدىكەن، 2020-يىلىغا بارغاندا 500 مىڭغا يېتىدىكەن، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۈرۈمچىدە ياشانغانلار نوپۇسى تېز سۈرئەتتە ئېشىشقا باشلىغان.
8-مارت مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 2014-يىلنىڭ ئاخىرىدا تەمىنلىگەن بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇستىكى ياشانغانلارنوپۇسى 384 مىڭ 800 گە يەتكەن بولۇپ، دائىمىي تۇرۇشلۇق ئومۇمىي نوپۇسنىڭ (2 مىليون 588 مىڭ) %14.91 ىنى ئىگىلىگەن، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 27 مىڭ 900 ى كۆپەيگەن بولۇپ، كۆپىيىش سۈرئىتى %7.82 كە يەتكەن، بۇ يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە كۆپىيىش نىسبىتى ئەڭ تېز بولغان بىر يىل ھېسابلىنىدىكەن.
60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10 ىنى ئىگىلىسە، مۇشۇ دۆلەت ياكى رايوننىڭ قېرىلىشىش مەزگىلىگە يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەن بۇ خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا، شىنجاڭ 2010-يىلى رەسمىي قېرىلىشىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان، ئۈرۈمچى شەھىرى بولسا بۇنىڭدىن بۇرۇنلا قېرىلىشىش مەزگىلىگە كىرىپ بولغان.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved