دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 13-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى 14 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، 37 كىشىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش دېلوسىنى ئەيبلىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مىسىر تەتقىقاتچىسى Nadine Marroushi مۇخبرىغا سۆز قىلىپ، «ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى قاتتىق ئەيبلەيمىز، بۇنىڭ مىسىردىكى ئۆكتىچىلەرنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغانلىقىنى بىلىمىز» دېدى. ئۇ يەنە؛ « مىسىر سوتىنىڭ سىياسىي پائالىيەتچىلەر، نامايىشچىلار، ئۆكتىچىلەر ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئەزالىرىغا قارشى كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، دۆلەتتە ئۆلۈم جازالىرى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما ھېچبىر ساقچى خادىمىنىڭ نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش، قىيناش، تۇتۇپ تۇرۇش سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغانلىقىنى كۆرمىدۇق، بۇ مۇستەقىل ياكى ئادىل بولمىغان بىر جازالاش سېستىمىسىدۇر» دېدى.
مىسىردا تۈنۈگۈن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبىرى مۇھەممەد بەدىئى قاتارلىق 14 نەپەر تەشكىلات رەھبىرى ئۆلۈم جازاسىغا ۋە 37 نەپەر كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved