يەر شارى ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، تۈركىيە باش مىنىستىر رەجەپ تايىب ئەردوغان 3-چېسلا ئامىرىكا سىمىلق تېلېۋىزىيە خەۋەر تورى (CNN)نى مۇخبىرلاردىن پايدىلنىپ جاسوسلىق قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن ، ھەمدە شي سەۋەبتىن CNNنىڭ مۇخبىرنى قولغا ئالغان.
فىرانسىيە ئاگېنىتلىقنىڭ ئەردوغاننىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە ، تۈركىيەدە مالمانچىلىق يۈز بەرگەنلىكنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە CNN نەخ مەيداندىن خەۋەر بېرىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ پاراكەندە قىلىشقا ئۇرۇنغان .
ئەردوغاننىڭ بىلدۈرشىچە ، مۇشۇ خىلدىكى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئاممىنى كۈشكۈرتىش بۇلۇپ ، تارقاتقان خەۋەرلىرىمۇ بەكلا مۇبالىغلەشتۈرۋىتىلگەن . بۇ ھەقتە ئەردوغان مۇنداق دەيدۇ:‹‹CNNئەزەلدىن ئەركىن،ئادىل ۋە مۇستەقىل خەۋەر بېرىشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ، خىزمەت قىلىشى خۇددى بىر توپ جاسوسلارغا ئوخشايدۇ.›› نارازلىق بىلدۈرگۈچىلەرگە قارىتا ئەردوغان بىلدۈرۈپ:‹‹بىر توپ ئەسەبىي گۇروھلار ، ئۇلار پەقەت تۈركىيە ئىقتىسادىنى گۇمران قىلىپ ھۆكۈمەتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇشنىلا ئويلايدۇ.››دىگەن. گىرمانىيە ئاگېنىتلىقنىڭ دىيشىچە ، ئەردوغان 8-ئايدا تۈركىيە پىرىزدېنىتلىق سايلىمغا قاتنىشىشنى ئويلىغان ، بىراق ئۇنىڭغا قارىتا دۆلەت ئىچىدىكى نارازلىق ئاۋازى توختىماي داۋاملىشۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved