شىنخۇا تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 16- كۈنى خېفېيدىن يولىىغان تېلىگىراممىسى ، مۇخبىرنىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇئەي بېي شەھەرلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىدىن ئىگەللىشىچە ، بىر ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆپلىگەن قۇرامىغا يەتمىگەن مېيىپ قىز ئوقۇغۇچىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىغا يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىلىك يۇقرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىككىنجى سوتىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ ، مەزكۇر ئوقۇتقۇچىغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى ئىجراقىلىش جازاسى بىرىلىش بىلەن بىرگە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنغان .
2001-يىلى 5-ئايدىن 2012-يىلى 11-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا ، خۇئەي بېي شەھرىدىكى بىر ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ ئارقا سەپ قىسمىدا ئىشلەيدىغان ئەر ئوقۇتقۇچى مەكتەپتە دىجورنىلىك قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ زوراۋانلىق بىلەن قورقۇتۇش ، تەھدىت سالدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەكتەپ ياتىقى ،ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى ، مەكتەپ چايخانىسى ۋە سىنىپ قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ قېتىم مۇشۇ مەكتەپتىكى 3 نەپەر قورامىغا يەتمىگەن مېيىپ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ، ئىش تۈگىگەندىن كىيىن ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم 10 يۈئەندىن 15 يۈئەنگىچە پۇل بەرگەن .ھەمدە 2012-يىلى 11- ئاينىڭ 4- كۈنى بىر دوستىنى باشلاپ ئەكىلىپ ئارىسىدىكى بىر قىزغا باسقۇنچلىق قىلغان.
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى باش جاۋابكار تەشەببۇسكارلىق بىلەن خۇئەي بېي شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسنىڭ شاڭشەندىكى تارمىقىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تاپشۇرغان ھەمدە ساقچىلارغا ماسلىشىپ يەنە بىر جاۋابكارنى تۇتۇشقا ياردەملەشكەن. ئۇنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ، تۆھپە كۆرسىتىش قاتارلىق ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ ، خۇئەي بېي شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بىرىنجى سوتتا ئۇنىڭغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەمدە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش جازاسى بەرگەن .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مۇشۇ دېلوغا قاتناشقان جاۋابكار ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان . ئەنخۇي ئۆلكىلىك يۇقرى سوت مەھكىمىسى ئىككىنجى سوتتا يەنىلا ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved