چۈشكۈنلۈك ۋە ئىرادىسىزلىك ئەڭ زور كۈشەندە

                   

    ئىنساننىڭ ھاياتى قىممەتلىك بولۇپ، كىشىگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ. شۇڭا، ھاياتنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئۇنى نۇرلاندۇرۇش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. ۋاقىت بولسا ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ سوۋغا، ھاياتلىق بىزگە ئەنە شۇنداق قىممەتلىك سوۋغىنى بەرگەن ئىكەن، ئەنە شۇ قىسقىغىنا قىممەتلىك ھاياتىمىزدا شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىمىز زۆرۈر.    كىشىلىك تۇرمۇش گويا بىر ئەينەك، سىز ئۇنىڭغا قانداق قارىسىڭىز، ئۇمۇ سىزگە شۇنداق قارايدۇ. رېئال تۇرمۇش ھامان ئەمەلىي سىناقلار بىلەن تولغان بولىدۇ. ئارىمىزدا داڭلىق مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ كەلگىنى بىلەن ھېچ ئىش قىلالمايدىغان، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئىش ئورنىغا ئېرىشەلمەسلىك ھەرگىزمۇ تەلەيسىزلىك ئەمەس، بەلكى شۇنىڭغا لايىق ئىجتىھات قىلغان – قىلمىغانلىقى، تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن – كۆرسەتمىگەنلىكى، پۇرسەتنى ئىگىلىگەن – ئىگىلىمىگەنلىكىگە باغلىق بولىدۇ. ھەر قانداق كىشى ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەيدىكەن، جاپا – مۇشەققەت، ھېرىپ – چارچاش ۋە شۇنىڭدەك تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئەمەلىي سىناقلاردىن قورقماي، قىيىن ئۆتكەلگە جەڭ ئېلان قىلىش روھى بىلەن ھەر بىر قەدەمنى دادىل، پۇختا بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن رېئال تۇرمۇشتا بىر قىسىم ياشلىرىمىز چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، كىچىككىنە جاپا – مۇشەققەت ئالدىدا ئاسانلا بەل قويۇۋېتىپ، ھېچ ئىشتىن نەتىجە چىقىرالماي، قىيىنچىلىق ئالدىدا چېكىنىدۇ. بەزىلەر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ ۋە كەسىپتە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، ئۇتۇق قازىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھاياتىنى بىر مىنۇتمۇ مەنىسىز ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدۇ، قىيىنچىلىق، خەۋپ – خەتەر ئالدىدا باش ئەگمەي، ئۆز غايىسىنى، ئارزۇسىنى تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئادەم ئۈچۈن كىشىلىك تۇرمۇش بىر سەھنە، بۇ سەھنىدە ھەممە ئادەم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىشى كېرەككى، تىرىكتاپ، ھۇرۇنلارغا ئەسلا ئورۇن يوق! بىزدە ‹‹تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ›› دېگەن ھېكمەت بار، بۇ يەردىكى تەدبىرلىك بولۇش دېگەنلىك دەل كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بىر سىناق بولۇپ، ئۇ پۇرسەت، ئىجتىھات، پەم – پاراسەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەدبىر بىلەن ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنى، توختاۋسىز تىرىشىش، قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىش ئىشەنچىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. دېمەك، ھەرقانداق بىر ياش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، توختاۋسىز ئىزدىنىشى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا رولسىز ئاپتوموبىلغا، نىشانسىز پاراخوتقا ئوخشاپ قالىدۇ. سىزنىڭ رېئاللىققا، تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىز ئەمەلىيەتتە دەل ئۆزىڭىزگە تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىزدۇر. مانا بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەندىلا، ئاندىن ھاياتنىڭ ھەربىر قەدىمىنىڭ ئەمەلىي سىناقلار بىلەن تولغانلىقىنى ھېس قىلغىلى، شۇنداقلا ھەر خىل سىناقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، غەلىبە مەنزىلىگە قاراپ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. بەزىدە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئويلىمىغان ئەگرى – توقايلىق، مۈشكۇلاتلار، تالاي قېتىم يىقىلىشلار ئادەمگە ئورنىدىن قانداق تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ، مەغلۇبىيەتنىڭ كىشىگە ئاتا قىلىدىغىنى ھەرگىزمۇ پۇشايمان بولماستىن، ئەكسىنچە تەجرىبە – ساۋاقتۇر، يىقىلغان جايىدىن دەس تۇرالماسلىقنىڭ ئۆزى ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھاماقەتلىكتۇر.

   شۇنى ئەستە ساقلاش زۆرۈركى، ھايات مۇساپىمىز ھەرگىزمۇ باشقىلارغا يۆلىنىپ، ئېغىناپ ياتىدىغان پاراغەت قەسىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ ھاياتلىق كېمىمىزنى ئېلىپ ماڭغۇچى سىرلىق ئېقىن، ئۇ توختاۋسىز كۈرەش جەريانىدىن ئىبارەت. ھاياتلىق چەكسىز، ئەمما، ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ چەكلىك، ئۇ خۇددى بىر ئاقار يۇلتۇزغا ئوخشاش تۇرمۇشىمىزدا بىرلا قېتىم چاقنايدۇ، لېكىن ئاشۇ بىر قېتىملىق چاقناش ھاياتىمىزنى يورۇقلۇق ۋە ئىشەنچكە تولدۇرىدۇ، بىز ئۇنى قىسقا ۋاقىتتا ئۆچۈرۈپ قويۇشىمىزمۇ، ئۇزاق نۇر چاچقۇزالىشىمىزمۇ مۇمكىن، بۇ پەقەت ھاياتىمىزنى قەدىرلەشكە ۋە ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىمىزغا باغلىق، كىشىلىك ھاياتتا بەزىلەرنىڭ ئىرادە يوللىرى ئۇپۇققا قەدەر سوزۇلغان، بەزىلەرنىڭ يوللىرى ئۆزىنىڭ چەكلىك ئۆمرىگە قەدەر سوزۇلغان بولىدۇ، بەزىلەر ھەممە ۋاقتىنى، ئۆمرىنى پەقەت مېڭىپ تۈگىتىش ئۈچۈنلا سەرپ قىلىۋېتىدۇ، مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئۆمۈردىن ئىبارەت بۇ غەنىيمەت پۇرسەت ھاياتلىق سادىقىدىن ئېتىلغان ئوق بولۇپ، ئۇ نىشانغا تەگسۇن – تەگمىسۇن، بەرىبىر ئاخىرلىشىدۇ، شۇڭا، ھاياتنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ چوڭ سوۋغىسى بولغان ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ھۇرۇنلۇق ۋە يۆلىنىۋېلىش قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، قەتئىي ئىرادە ۋە ھاياتقا بولغان چەكسىز ئىشەنچنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلساقلا، ھاياتىمىزدا چوقۇم يارقىن ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ھاياتقا ۋە ئۆزىمىزگە مۇناسىپ سوۋغىلارنى بېرەلەيمىز، ھاياتىمىزمۇ يېڭى – يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ، قەدىر – قىممىتىمىز ئاشىدۇ، مەۋجۇتلۇقىمىز مەنىلىك نامايان بولۇپ، ھاياتلىقتىكى بارچە گۈزەللىكلەردىن ۋە مېھىر – مۇھەببەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيمىز.



خەتكۈچلەر:
27-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek