ئىسرائىلىيە چوڭ قىرغىنچلىقنى خاتىرلەش پائالىيتىنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟

ئىسرائىلىيە چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە سارىيى خەلقئارا ئىلىمىي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يىفرەن كې يېقىندا ھايات قالغۇچىلارنىڭ بايانلىرى بولمىسا، تەپسىلى خاتىرىلەشنىڭ بولۇشى ناھايىتى تەس، خاتىرلەش بولمىسا، كېيىنكىلەرنىڭ بۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلىشى قېيىن،دېدى.


2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇڭگو نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈردى، 6مىليون يەھۇدىيمۇ ناتسىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىدى. يىفرەن كى مۇنداق دېدى: بۇ پاجىئەنىڭ ئىنسانلار تارىخىدا بىرلا قېتىم يۈز بەرمىگەنلىكىگە تولۇق ئىسپاتىمىز بار. بىز زۆرۈر ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئارخىپ تۇرغۇزۇش، دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى تەسس قىلىش، تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەممە كىشىگە تارىخنى مەھكەم ئەستە ساقلاپ، مۇشۇنداق پاجىئەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى بىلدۈرۈشمىز كېرەك.


2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ھايات قالغان يەھۇدىيلار ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن قازا قىلغان قىرىنداشلىرىنى خاتىرلىدى،بۇ بارا-بارا يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەش ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈردى. ھەر يىلى يەھۇدىي كالىندارى بويىچە، نىسسان ئېيىنىڭ 27-كۈنى يەنى (4-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 5-ئاينىڭ بېشى )ئىسرائىلىيە چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە كۈنى. شۈ كۈنى ئىسرائىلىيە مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى سورۇنلاردا بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە سۈكۈتتە تۈرىدۇ، قىرغىن قىلىنغان قىرىنداشلىرىنى ياد ئېتىدۇ، تىلېۋېزىيە ئىستانسسى ۋە رادىيو ئىستانسسلىرى پىروگراممىلىرىدا خاتىرلەش پائالىيىتىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى تارقىتىدۇ.


1953-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىسرائىلىيە دۆلەت مەجلىسى يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەش قانۇنىنى ماقۇللىدى، ئارقىدىن خاتىرلەش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرلەش سارىيى سېلىندى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرلەش سارىيى چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرلەش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن خىزمەتلىرىنى ئەستايدىل ئىجرا قىلدى. خەلق ئۆزلىكىدىن قوزغالغان، ئوخشىمىغان شەكىلدىكى خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى بىر چوڭ رامكا ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ناتسستلارنىڭ بىسىمى ئاستىدا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان مىللىي قەھرىمانلارنى تەقدىرلىدى. چوڭ قىرغىنچىلىق تارىخى تەربىيەلىرىنى قانات يايدۇردى. خاتىرلەش سارىيىنىڭ نۇرغۇن خىزمەتلىرىدە تەسىرى چوڭقۇر بولغان پاكىتلار يېغىلدى ھەمدە ھايات قالغۇچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تارىخقا گۇۋاھ بولغۇچىلارنىڭ ئىسپات سۆزلىرىنى نەشىر قىلدۇردى.

 

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھايات قالغۇچىلار دۇنيادىن ئايرىلىدۇ. يىفرەن كىي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خاتىرە سارىيى قۇرۇلغاندىن بۇيان، چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرلەش سارىيى ئىزچىل مەملىكەت مىقياسىدا ھايات قالغۇچىلار، گۇۋاھچىلار، جۇملىدىن قىرغىن قىلغۇچىلارنىڭ ئىسپات سۆزلىرىنى توپلىدى. خاتىرە سارىيىنىڭ بەزى مەخسۇس ئەترىتىدىكىلەر بۇ ھايات قالغۇچىلار بىلەن ئىز قوغلاپ ئالاقىلاشتى، چەتئەلدە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ھايات قالغۇچىلارمۇ ئىسپات سۆزلىرىنى پوچتا ئارقىلىق خاتىرە سارايغا يەتكۈزۈپ بەردى، خاتىرە سارىيىمۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتتى.


چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرلەش سارىيى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە زور مىقداردىكى سىفىرلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان سۈرەت، سېن كۆرۈنۈشى ۋە يازما ماتېرىياللارنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىن باشقا، خاتىرە سارىيى كۆرگەزمە قىلىش ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى چوڭ قىرغىنچىلىق تارىخى تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ئىلمىي ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى ھەمدە ئۇلارنى پەن-تەتقىقاتتىكى ئېھتىياجلىق 1-قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. ھازىرغىچە، چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرلەش سارىيى- يەر شارىدىكى ئاز دېگەندە 15 دۆلەتتە 10 خىل تىلدا سەييارە كۆرگەزمە ئۆتكۈزدى.


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە سارىيى يەنە ئىسرائىلىيەدىكى ئوخشىمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىققا ئىگە دەرسىلىك ماتېرىيالى لايىھەلىدى ھەمدە چەتئەللەردە مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى ئاچقان مەكتەپلەرنى دەرس پىلانى بىلەن تەمىنلىدى.


يەسلى بالىلىرىغا قارىتا، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى ھىكايە شەكلىدە بولۇپ، مۇھىم نۇقتىسى بالىلارغا يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئازاپلىق كەچۈرمىشتىن كېيىن بەختىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا، ئوقۇتۇش ماتېرىيالىغا داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىىي تارىخى ماتېرىيال كىرگۈزۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قانلىق، زوراۋانلىق خاراكتېردىكى ماتېرىياللارنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈگىنىش ماتېرىيالىدا كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىندى.


يىفرەن كى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىتاب ياكى دەرسلىك ماتىرىيالى پەقەت بۇلارنىڭ بىر قىسمىلا ھېسابلىنىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھېس قىلىشلار تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، يەھۇدىيلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ يادروسى-پەرزەنتلىرىگە تارىخنى مەھكەم ئەستە ساقلاش، ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش، مەدەنىيەت يەتكۈزۈشكە يىتەكلەش، چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بۇ بۆلەك تارىخنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئەستە ساقلىشىغا سۇنۇش.

 



خەتكۈچلەر:
14-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
02-05-2016
    «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
02-05-2016
    ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە 1-خانىم مىچېل 1-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى مارىيە (Malia Obama) نىڭ 2017- يىلى كۈزدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇشقا كىرىد...
01-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، قىرىمدا «رۇسىيە كىچىك قوغدىغۇچىسى» مېدالى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، مۇراسىمدا قىرىم گۈزەل تەپتىش ئەم...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سا...
01-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيە پادىشاھى كارىل 16-گۇستاف (Carl XVI Gustaf) شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 70 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى، شىۋېتسىيە خان جەمەتى ۋە پۇقرالار شۇ كۈنى پايت...
01-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، پاكىستان لاھور، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىكى پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىت...
01-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» (IS) بىلەن مۇناسىۋىتى بار خاككېرلار تەشكىلاتى تور ھۇجۇمى نىشانىنى 3000 نەپەر ئادەتتىكى نيۇيورك ئاممىسىغا قاراتقان، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئ...
01-05-2016
پىرېزىدېنت تۈزۈمى       پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ. ئىككىنچى،...
Powered by Leglek