بېشىدا ئىككى دانە چۆرگىلىمەچ (بۇنى تۇرپان تەلەپپۇزىدا تەزگەنكۈچ دەيدىكەن-تەھرىر) ، ئىككى قۇلىقىنىڭ ھەر بىرىدە يىڭنە تۆشۈكىگە ئوخشايدىغان كىچىك تۆشۈك، مانا بۇلار ۋاڭجې (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇن يېڭى تۇغۇلغاندا ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بەدىنىگە قالدۇرۇپ قويغان بەلگىلەر ئىدى. ۋاڭجې باشقىلار تەرىپىدىن ئالداپ سېتىلىپ 23 يىلدىن كېيىن، يۇقارقى بەلگىلەر ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تونۇشلۇق بېرىشى ھەم ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ باغرىنى يېرىپ چىققان بىردىنبىر يۈرەك پارىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان بەلگىلەرگە ئايلانغانىدى. ۋاڭجې ھازىر چۇەنجۇدىكى تەيۋەنلىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش رايونى لوياڭ بازىرى شىفاڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى بولسا جىياڭشى جىيۇجىياڭدىن ئىدى. ۋاڭجې 2 ياش ۋاقتىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئالداپ سېتىۋىتىلگەندىن كېيىن،20 نەچچە يىلدىن بېرى ۋاڭجې بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. بۇ يىل ۋاڭجې ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا ‹قوزام ئۆيگە قايتىڭ› مۇنازىرە مۇنبىرىدە ئۆز ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئىزدەش ئېلانى بەرگەن بولۇپ، بۇ ئېلاندا ۋاڭجېنىڭ بەدىنىدىكى يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرمۇ تىلغا ئېلىنغان ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قايتا ئىزدەپ تېپىشقا ياردەم قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغانىدى، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنم ۋاڭجې ۋە ئاتا-ئانىسى لوياڭدىكى چېگرا ساقچىخانىسىدا قايتا دىدارلىشىپ بىر يەرگە جەم بولدى.
ۋاڭجېنىڭ ئەسلى فامىلىسى يۈ بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى يۈ خۇالىن بولسا جىياڭشىلىق ئىدى. 1993-يىلى، ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن ۋاڭجې بىلەن ئۇنىڭدىن بىر ياش چوڭ ئاچىسى ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ شىشىغا كەلگەن بولۇپ، ۋاڭجېنىڭ بوۋا-مومىسى شۇ يەردىكى مەلۇم قۇرۇلۇش ئورنى ئەتراپىدا ئاشخانا ئاچاتتى، ئاتا-ئانىسى بولسا شۇ يەردىكى مەلۇم كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، گەرچە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى سەل غورىگىل بولسىمۇ، لېكىن بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى ئىجىل-ئىناق ھەم بەختلىك ياشاۋاتقانىدى. لېكىن دېھقانلار كالىندارى بويىچە 5-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەنىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىلەردە، يەنىلا زاۋۇت قوراسىدىكى ئۆيدە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان يۈ ئەپەندىنى باشقىلار ئويغىتىپ، ئۇنىڭغا ۋاڭجېنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەسلىدە ۋاڭجې بىلەن ئاچىسى بوۋا-مومىسى بىلەن بىللە ئۇخلايدىغان بولۇپ، شۇ كۈنى ئەتىگەندە بوۋاي-موماي ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، موماي باشقىلارغا كىر يۇيۇشۇپ بەرگىلى چىقىپ كەتكەن. ۋاڭجېمۇ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن گەپ-سۆزمۇ قىلماي، كۆكتات سېتىۋالغىلى چىقماقچى بولغان بوۋىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چىقىپ كەتكەنچە قايتا قايتىپ كەلمىگەن.
يۈ ئەپەندىنىڭ ئوغلىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن دەرھال ھەر تەرەپكە قاتراپ ئوغلىنى ئىزدەشكە باشلىغان ھەم ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ھەتتا شۇ يەردىكى گېزىتكە ئادەم ئىزدەش ئېلانىمۇ بەرگەن، لېكىن بالىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. كەينىدىن يۈ ئەپەندى يەنە ئۆيىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ئوغلى بىر ياشقا كىرەي دېگەندە چۈشۈرۈپ قويغان بەدىئىي رەسىمىنى مىڭ پارچىدەك يۇيغۇزغان ھەم رەسىمنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆزى ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان زاۋۇت باشلىقىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يېزىپ كىشىلەرگە تارقاتقان، يۈ ئەپەندى ئوغلىنىڭ رەسمىنى قولىدا كۆتۈرۈپ كوچىمۇ-كوچا كىشىلەرگە بۇ رەسىمنى تارقاتقان ھەم شۇ ئارقىلىق ئوغلىنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلغان.
يۈ ئەپەندىنىڭ ئوغلىنى ئىزدەپ تېپىشتىكى ئارز-ئۈمىدلىرى كەينى-كەينىدىن بەربات بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاشخانىسىنى تاقاپ، خىزمىتىدىنمۇ ئېستىپا بېرىپ ئازاب ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىرەيلەن يۈ ئەپەندىگە بالىنى ئۆز يۇرتدىشىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. 1993-يىلى تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە ، يۈ ئەپەندىلەر ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئىگىسى يۈ ئەپەندىنىڭ ئاپىسىغا بىرەيلەن سىلەرنىڭ كىچىك بالاڭلارنى كۆرۈپ باققىلى كەپتۇ، ئۇ بۇ بالىنى ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا سىلەر چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭلار دېگەنلىكى يۈ ئەپەندىنىڭ ئېنىق ئېسىدە بار ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ گەپنى ئاڭلىغان يۈ ئەپەندىمۇ قاتتىق ھەيران قالغان ھەم ئوغلىنى تېزلىكتە جىياڭشىدىكى قېيىن ئاپىسىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىۋەتمەكچى بولغان، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ بۇنچە تېز قول سېلىپ بالىنى ئالداپ كېتىشى ئۇنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ باقمىغانىدى.
ئارىدىن خېلى ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ۋاڭجېنىڭ بېقىۋالغان ئاپىسى بالىلارنى ئالداپ سېتىش توغرىسىدا ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ۋاڭجېنىڭمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئالداپ سېتىۋىتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلىغان ھەم ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئاتا-ئانىسىنى ئىزدىشىپ بېرىشكە باشلىغان شۇنداقلا ۋاڭجېنىڭ ئاچىسى (بېقىۋالغان ئاپىسىنىڭ قىزى) نىمۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بالىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ئىزدىشىپ بېرىشكە بۇيرۇغان. ۋاڭجې ئېلان قىلغان ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ تېپىش توغرىسىدىكى ئېلاندا، ۋاڭجې يازغان ئۆز بەدىنىدىكى ئالاھىدە بەلگىلەر بىلەن يۈ ئەپەندى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى بىر-بىرىگە ناھايىتى ماس كەلگەن بولۇپ، يۈ ئەپەندى تەمىنلىگەن بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى رەسىملىرىمۇ ۋاڭجېغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن پىدائىيلار ۋاڭجې بىلەن يۈ ئەپەندىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، لوياڭ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى بىلەن پىدائىيلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا، يۈ ئەپەندى بىلەن ۋاڭجېنىڭ DNA سى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەكشۈرۈلۈپ ماسلاشتۇرۇلغان.
يۇقارقى رەسىمدە، ئالداپ سېتىۋىتىلگەن بالىلارنى ئىزدەپ تېپىشقا ياردەم بەرگۈچى پىدائىيلار بىلەن بالىسى ئالداپ كېتىلگەن ئاتا-ئانىلار
![]() |
ساننىي دېئولنىڭ ئەڭ يېقىنقى فىلىمى 2-ئايدا قويۇلدى. كەلگۈسى پىلانى توغرۇلۇق توختالغاندا ساننىي دېئول ئوغلى كاراننىڭ بوللىۋود ھاياتىنى باشلاشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«بۇ فىلىمدىن كېي...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved