پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابباس 23- ئاۋغۇست مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سۆھبەتنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابباس شۇ كۈنى مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ قېتىم مىسىردا زىيارەتتە بولۇشۇمدىكى مەقسىتىم پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ سۆھبەتنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىن ئىبارەت مىسىر بۇ جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى، مىسىر ھۆكۈمىتى ئىككى تەرەپ ۋەكىلىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قاھىرەگە قايتىپ كېلىشگە تەكلىپ قىلدى. ئۇ، ئۇرۇش توختىغاندىن كىيىن، دەرھال غەززاغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشىنى ھەمدە قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى باشلاشنى مۇراجەت قىلدى.
مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمۇ شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تېزدىن ئۇرۇش توختىتىشىنى ھەمدە قاھىرە سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىشىنى مۇراجەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved