2015-يىلى شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توردا تىزىملىتىش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى يېقىندا ئاياقلاشتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، شىنجاڭدا 2015 - يىلى جەمئىي 160 مىڭ 500 ئادەم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 2مىڭ 100 ئادەم ئازايغان.
ئىگىلىنىشچە، 2015 - يىلى شىنجاڭدا ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى 51مىڭ 100 ئادەم، تەبىئىي پەنگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى 102مىڭ 800 ئادەم، ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 6 مىڭ 600ئادەم. ئەڭ كۆپ تىزىملاتقان ئادەم سانى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ، 25مىڭ 600 ئادەمگە يەتكەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا قەشقەر ۋىلايىتى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 21 مىڭ 800 ئادەم . پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست ۋە شەھەردە تىزىملاتقان ئادەم سانى ، ئون مىڭ ئادەمگە يىتىدىغان رايۇنلار ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئىلى، ئاقسۇ، سانجى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى. شىنجاڭ 2015 - يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن جەمئىي 6707 ئىمتىھان مەيدانى تەييارلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved