شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – فېۋرال تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 5 – فېۋرال مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىپ، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2014 – يىللىق 3 – قېتىملىق كۆزىتىش، قايتما ئىنكاس ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى.
مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 2014 – يىلى 11 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو دېڭىز تىرانسپورتى (گۇرۇھى) باش شىركىتى، جۇڭگو ‹‹خۇاديەن››گۇرۇھى، ‹‹شەرق شامىلى›› ئاپتوموبىل شىركىتى، ‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھ شىركىتى قاتارلىق 13 ئورۇننى مەخسۇس كۆزەتتى.
‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››دە پارتىيەنىڭ مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرىدا كۆزىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بەش قېتىم كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە 28 تارماق، ئورۇن، كارخانىنى كۆزەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved