ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون 23- يانۋار قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىراق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە يەنىلا رۇسىيەنىڭ قاتنىشىشىغا، سۇرىيە مەسىلىسىدە ئەنگلىيەمۇ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا، رۇسىيەنىڭ سابىق جاسۇسى لىتۋىنېنكونىڭ 2006- يىلى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، بۇ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى دېلو يۇز بېرىشتىن ئىلگىرى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ھېسابلىدى، بۇ رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى بىلەن سوغۇقلاشقان ئەنگلىيە رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندە ئىش بولدى. شۇنداقلا بۇ غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنىڭ يىلتىزى ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved