نۇرغۇن ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئامېرىكىلىق ساقچى 263 يىل كېسىلدى

           ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 17-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئوكلاخوما شىتاتى ئوكلخوما شەھىرىدىكى بىر ساقچى 10-چىسلا سوتلاندى، زاسداتىللار ئۆمىكى ئۇنى ساقچىلىق ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە جىنسىي زوراۋانلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان دەپ قاراپ، 263 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

          ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەككىز ئەر ۋە تۆت ئايالدىن تەشكىل تاپقان، جەمئىي 12 نەپەر ئاق تەنلىك زاسداتىل تۆت كۈن جەريانىدا 40 نەچچە سائەت كېڭىشىش ئارقىلىق، 10-چىسلا كېچىدە، بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن، ئوكلاخوما شەھىرىنىڭ ساقچىسى دانىيېل خولتىزكىلاۋ (Daniel Holtzclaw) نى جىنسىي زوراۋانلىق، باسقۇنچىلىق قاتارلىقلارنى سادىر قىلغان دەپ قارىغان ۋە جەمئىي 36 خىل ئەيىبلەشنامىنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى يۇقارقى ئىككى جىنايەتتىن باشقا يەنە ئوغۇرلۇق جىنايەتچىسى، باشقىلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈش، پەسكەشلىك قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرمۇ بار، بۇ 36 خىل جىنايەتنىڭ 18 ى بېكىتىلىپ بولدى.


         جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىتتا، دانىيېل خولتىزكىلاۋ جىنايەتچى ئورنىدا ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئۆتكۈزگەن تۆت تۈرلۈك بىرىنچى دەرىجىلىك باسقۇنچىلىق جىنايىتىنىڭ ھەر بىرىگە 30 يىلدىن قاماق جازاسى بېرىلدى، بۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى تۈرمە ئىچىدە ئۆتكۈزۈشىگە يېتىپ ئاشىدۇ. ئۇنىڭ جىنايىتىگە ئاساسەن، زاسداتىللار ئۆمىكى ئۇنىڭغا 263 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان. سوتچى كېلەر ئايدا دانىيېل خولتىزكىلاۋغا ھۆكۈم ئېلان قىلىدىكەن.

        تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، دانىيېل خولتىزكىلاۋ ئوكلاخوما شىتاتىدىكى ئەڭ نامرات رايونلاردا قىز-ئاياللارنىڭ پىيىگە چۈشۈپ يۈرگەن، ئۇ يەنە ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ساقچىلىق گىربى ۋە فورمىسىدىن پايدىلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئاختۇرغان ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلغان، ئۇ يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قولغا ئالماسلىققا ۋەدە بېرىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن، قىز-ئاياللارنىڭ قارشىلىق قىلىشىغا تاقابىل تۇرغان.


       مەلۇم بىر دەۋاگەر سوت جەريانىدا ئىسپات سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى:«مەن ماڭا ھېچ قانداق ئادەم ئىشەنمەيدۇ، دەپ قارايمەن، چۈنكى مەن بولسام بىر قارا تەنلىك قىز.» ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ زەھەر چېكىش ياكى پاھىشىلىك قىلىش قاتارلىق تارىخى بولغان، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.

      دانىيېل خولتىزكىلاۋ 2014-يىلى ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ھەيدەلدى. مەزكۇر دېلو يەنە ئىچكى قىسىمدا تەكشۈرۈشكە سەۋەب بولدى، دانىيېل خولتىزكىلاۋنىڭ سابىق باشلىقى ۋىلىيام سىتتىي (William Citty) بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى:«بۇ مەن ساقچىلىق قىلغان 37 يىلدىن بۇيان ئۇچراتقان، ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشىغا دائىر ئەڭ چوڭ بىر دېلو ھېسابلىنىدۇ.»

     ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 10-چىسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، دانىيېل خولتىزكىلاۋغا بولغان ئەيىبلەش، پۇقرالار ئارىسىدا ساقچىلارنىڭ جىنسىي پاراكەنچىلىك قىلىش دېلوسىغا بولغان دىققىتىنى قايتا قوزغاتتى. بىر قىسىم ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ بۇنداق دېلولار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا بىر قانچە يىل بولدى. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن ئالتە يىل ئىچىدە پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 41 شىتاتتا 1000 دىن ئارتۇق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار جىنسىي پاراكەندىچىلىك، ئوغۇرلۇق قىلىش ۋە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان. كۆپ قىسىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ساقچىلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، دەردىنى ئىچىگە يۈتۈشكە مەجبۇر بولغان. بىر قىسىم ساقچىلار بىلەن سوتچىلارنىڭ تىل بىرىكتۈرىۋېلىشىمۇ بۇنداق دېلولارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
     ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا لوس ئانژېلىسلىق 43 ياشقا كىرگەن ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما سەنئەتكارى مايكېل روسنىر ھەقىقىي ئادەمنىڭ بەدىنىگە رەسىم سىزغان. ئۇ ئاساسىي ...
06-05-2016
    ئەرەب تارىخىدا ئىن بەتتۇتە ئىسىملىق شۇنداق بىر مەشھۇر سايياھ ئۆتكەن. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن مۇھەممەد ئىبن بەتتۇتە ئەل تانجى بولۇپ، 1304-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماراكەشنىڭ تانگيېر دې...
06-05-2016
ئەينى يىللاردىكى «گۇگۇمدىكى شەھەر» فىلىمىدە باش رول ئېلىپ نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ قەلبىگە ئوت سالغان ئېدۋارد! بۇ! بۇ! بەك ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق؟! ساقاللىرى ئۆسۈپ، چاچلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىپتىغۇ! توۋا! بۇ ئىكك...
06-05-2016
    ئامېرىكا ۋاقتى 4-ماي، جۇدى فوستېر چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇردى. ئۇ ئۇچىسىغا كاستوم بۇرۇلكا كىيگەن بولۇپ، چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ھاياجانلاندى، كرسىتىئان سىتۇئارت ئۇنىڭغا ھەمر...
06-05-2016
    يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
06-05-2016
   سەھىپە سۆزى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ...
06-05-2016
    11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشنى قوزغاپ بازا تەشكىلاتىغا زەربە بەردى، بىراق بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننى تۇتۇش جەريانى ناھايىتى قېيىن بولۇپ ئاخىرى پا...
05-05-2016
     بۇرۇن بەزى تاراتقۇلار مىلاننىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇل نامزاتىغا پېللېگرىنىنى بىكىتكەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پېللېگرىنىمۇ مانچېستېر شەھەر كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ مۇساب...
05-05-2016
    رىگان، تولۇق ئىسمى Ronald Wilson Reagan، ئۇ 1911-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2004-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئامېرىكىنىڭ ئىللىئونىس شىتاتىدىكى تامپىكو شەھىرىدىن، ئامېرىكىلىق داڭلىق ئوڭچىل سىياسىئون، ئىلگرى...
05-05-2016
    ئامىر خان  بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.   ...
Powered by Leglek