بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدە، لېيچېستېر شەھىرى تەدرىجىي باش كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى نامايەن قىلدى، لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى 29 ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقە جەريانىدا پەيدىن پەي ئالغا بېسىپ بىرلەشمە نومۇر تەرتىپىدە 1-ئورۇنغا ئۆتتى. ئېرىشكەن نومۇرى 2 - ئورۇندا تۇرىدىغان توتتېنھام كوماندىسىدىن 2 نومۇر ( توتتېنھام كوماندىسى 30-ئايلانما مۇسابىقىنى تۈگەتتى ) ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارسىنال كوماندىسىدىن 8 نومۇر يۇقىرى. لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلىقىغا ئېرىشەلەمدۇ دېگەن مەسىلە ئاخبارات ۋاسىتىسى ۋە توپ مەستانىلىرى قىزغىن مۇلاھىزە قىلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى . ئەنگلىيەدىكى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فېرگۇسون مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلىقى كىمگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى توغرىلىق ئۆز كۆز قارىشى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ مۆلچەرىچە «تۈلكە بېرگادىسى» لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى مۇددەتتىن ئۈچ ئايلانما بۇرۇن ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولىدىكەن، فورگىسېننىڭ پەرىزىچە بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى 4 كۈچلۈك قاتارىغا مانچېستېر شەھىرىدىكى ئىككى كوماندىنىڭ كىرىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن، لېكىن ۋېستخام بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ناھىيىتى تەستە دەرىجە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالغان كوماندا بولۇپ، ھالبۇكى بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئۈچۈن تايلاندقا بارغاندا كوماندا ئەزالىرىنىڭ پاھىشە ئويناش سەتچىلىكى يۈز بېرىپ كوماندىنىڭ نام ئابرۇيى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن كوماندا مەشقاۋۇلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. لېكىن لاكۇنلى مەشقاۋۇل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا ئۆتتى. ناۋادا 15-مارت ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلسا كوماندىغا نىسبەتەن ئۇزغۇن بولۇشقا ناھايىتى زور پۇرسەت بار، ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى تارىخىدىن قارىغاندا، يەنە 9 ئايلانما مۇسابىقە قالغان ئەھۋالدا، پەقەت 4 كوماندىلا ئۆزىدىن 5 نومۇر يۇقىرى ئورۇندا تۇغان كوماندىنى قوغلاپ ئەڭ ئاخىرى بىرلەشمىنىڭ ئۇزغۇنى بولغان. لېكىن لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك ئىپادىسىدىن قارىغاندا كېيىنكى 9 مەيدان مۇسابىقىدە باشقا كوماندىلارغا پۇرسەت بېرىپ ئۇزغۇنلۇقنى قولدىن بېرىپ قويۇش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن. بىز تەجرىبىلىك پېشقەدەم مەشقاۋۇلنىڭ پەرىزىنىڭ توغراچىقىپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسدە يېڭى بىر ئۇزغۇن كوماندىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تەشنامىز .
![]() |
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
|
![]() |
2-ماي ۋۇخەننىڭ خەنكۇدا بىر يىگىت كونا پاسوندىكى ۋېلىسىپىتنى مېنىپ كېلىنچەكنى كۆچۈرگەن، كېلىن كۆچۈرۈش ئەترىتى 21 ۋېلىسىپىت مىنگۈچىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار يولدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved