سونىي كەلگۈسى تەجرىبىخانىسى (Future Lab) بولسا چېكىدىن ئاشقان تەسەۋۋۇرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان ئورگان بولۇپ، ئامېرىكا تېكساس شىتاتىنىڭ ئائۇستىندىكى SXSW بايرىمىدا يېڭى پرويېكتورنى كۆرگەزمە قىلدى، بۇ مەھسۇلات ھەرقانداق تەكشىلىكنى ئېكران قىلالايدىغان بولۇپ، «دىئالوگلۇق ئۈستەل» ئۇقۇمى سېنزور ئارقىلىق ھەرىكەتنى ئىز قوغلاپ قاچان ئۈستەلگە جىسىم قويۇلغانلىقىنى سېزىدۇ. بۇ تېخنىكا قارىماققا كەشپىياتچى، تېخنىكا مۇتەخەسسىسى Bastian Broecker بۇندىن بۇرۇن PlayStation كامېراسى ۋە مىكروسوفت Kinect سېنزورى ئارقىلىق ياسىغان AR قەھۋە ئۈستىلىنىڭ ئەمەلىي نۇسخىسىغا ئوخشايدۇ.
سونىي بۇ دەسلەپكى نۇسخىغا پروگرامما تۈزۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ ئەنگىلىيە چۆچەك يازغۇچىسى لۇيىس كارولنىڭ «ئەيلىسنىڭ سەزگۈرەشتىلىرى» ناملىق چۆچەكنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ. شىركەت ۋەكىلى بۇ كىتابنى ئاچقاندا، كىتابدىن تارتىپ چىقارغان ھەرىكەتلىك سۈرەت ۋە ئەتراپتىكى جىسىملار كۆرۈنىدۇ، مەسىلەن چاي ئىستاكانى ياكى قارتا بولۇپ بۇلارغا نىسبەتەن مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ ئۈستەل يەنە بارماقنى ئىز قوغلاش ئارقىلىق بارماقنىڭ ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.
گەرچە ھازىر بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى ئىنتايىن چەكلىك بولسىمۇ لېكىن بۇ تېخنىكىنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچى بار. سونىينىڭ بۇ مەھسۇلاتىنى مائارىپ ئۈسكىنىسى ئورنىدا قوللانغاندا رومان ياكى دەرسلىكنى دىئالوگلۇق دەرسخانىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
سونىي كەلگۈسى تەجرىبىخانىسىنى مەھسۇلاتىنىڭ پەقەت دەسلەپكى نۇسخا ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى، بۇ مەھسۇلاتنىڭ قاچان دەرسخانىلارغا كىرىشى ياكى بازارغا چىقىشى ھازىرچە نامەلۇم.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved