جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 6- ئاي 14- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدا 14- ئىيۇن ئالتە بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، كۆپلىگەن شەھەرلەردە قالدۇق يەر تەۋرىگەن، ئەمما ھازىرغىچە ئۆلۈم – يىتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. بۇ ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، پاكىستاننىڭ غەر بىي شىمالىدىكى شەھەر پېشاۋار ۋە ئەتراپىدىكى شەھەر – بازارلاردا قالدۇق يەر تەۋرىگەن.
بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى ئافغانىستاندا ئىكەن. يەنە بىر ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك چارلاش ھەربىي تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاندا 5.4 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 206.6 كىلومېتىرغا يەتكەن.
پاكىستاندا يەر تەۋرەش دائىم يۈز بېرىدۇ. بۇلتۇر 9- ئايدا مەزكۇر دۆلەتنىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە 7.7 بال يەر تەۋرەپ، ئاز دېگەندىمۇ 376 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، يەنە ئەرەب دېڭىزىدا بىر كىچىك ئارال سۇ ئۈستىگە چىقىپ قالغانىدى.
مەنبەسى جۇڭگو ئاخبارات تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved