شىنخۇا تورىنىڭ 23- فېۋرال ئىسلامئابادتىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى: پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ 23- فېۋرال بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي تەرەپ شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قسمىدىكى كىبېر ئالاھىدە رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغاپ، 38 نەپەر قوراللىق تېررورچىنى يوقاتقان.
ھەربىي تەرەپنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشچە، ھەربىي تەرەپ شۇ كۈنى پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرىلىنىدىغان كىبېر ئالاھىدە رايونىغا كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، قوراللىق گۇرۇھ يۇشۇرۇنىۋالغان ئالتە جاينى بىتچىت قىلىپ، 38 نەپەر قوراللىق تېررورچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
شۇ جايدىكى تاراتقۇنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھاۋا ھۇجۇمى ھەرىكىتىدە يەنە بىر بومبا ياساش زاۋۇتى بىتچىت قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوق- دورىلارنىڭ كۆپ قىسمى پارتلاپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن.
تالىبانلارنىڭ پاكىستاندىكى شۆبىسى 16- فېۋرال موھموند ئالاھىدە رايونىدا پاكىستاننىڭ 23 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، پاكىستاندىكى تالىبان ئەزالىرىنىڭ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبتىن 17- فېۋرال تالىبانلارنىڭ پاكىستاندىكى شۆبىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنى ئەمەلدىن قالدۇردى. پاكىستان ھۆكۈمىتى سۆھبەت كومىتېتىدىكىلەرنىڭ 18- فېۋرال ئېيتىشىچە، تالىبانلارنىڭ پاكىستاندىكى شۆبىسىنىڭ پاكىستاننىڭ 23 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئەگەر تالىبانلارنىڭ پاكىستاندىكى شۆبىسى تىنچلىق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىسا ۋە ھۇجۇمنى توختاتمىسا، ھۆكۈمەتنىڭ سۆھبەت كومىتېتى تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئامالسىز ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved