جۇڭگو يېمەكلىك تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكا تېببىي ئالىملىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تۆۋەندىكى ئون نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئېشىپ، كېسەلدىن خالىي بولۇپ، ساغلام ياشىغىلى بولىدىكەن:
1.ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش. ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ياخشى بولمىسا، چىش ئەتراپى يەللىكى پەيدا بولۇپ، قەنت كېسىلى ياكى يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ھېسابلىنىدىكەن.
2.قول پاكىز بولۇش. زۇكام تارقىلىۋاتقان پەسىللەردە ھەر كۈنى قولنى سوپۇنداپ يۇيۇپ تۇرۇش لازىم ئىكەن، شۇنداق قىلغاندا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
3.قىزىل ئالمىنى كۆپرەك يېيىش. قىزىل ئالما، قاتكۆك، يېشىل چاي تەركىبىدە تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار ئىكەن. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇدا بەش يىل قىزىل ئالما ئارقىلىق كىۋېرتسترىننى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ نەپەس يولى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %40 تۆۋەن بولىدىكەن.
4. ئىجتىمائىي ئالاقە كەڭ بولۇش. ئىجتىمائىي ئالاقىسى كەڭ كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاز، ئۆمرىمۇ ئۇزاق بولىدىكەن.
5.ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىپ بېرىش. چېنىققاندا قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن، كېسەل باكتېرىيەسى بەدەنگە كىرگەن تەقدىردىمۇ بەدەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتالايدىكەن.
6.يېتەرلىك ئۇخلاش. ئۇيقۇ ياخشى بولسا، ماددا ئالماشتۇرۇش ياخشىلىنىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تېز ئەسلىگە كېلىدىكەن.
7 . ئۈمىدۋار بولۇش. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇشال – خۇرام، قىزغىن، سالماق، ئېغىر بېسىق كىشىلەرنىڭ تارقىلىشچان كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاز بولىدىكەن.
8.ۋىتامىن. ۋىتامىن D بېلىق گۆشى، تۇخۇم، سۈت تەركىبىدە كۆپ بولىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق. ۋىتامىن C كەمچىل بولسىمۇ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەككەن.
9.ياخشى روھىي ھالەت. ئاكتىپ پوزىتسىيە بەدەندىكى ئازوت چالا ئوكسىدىنىڭ گورىزونتالىنى ئۆستۈرۈپ، نېرۋىنىڭ ۋاسىتىچى ماددىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ياخشىلايدىكەن.
10. چوڭقۇر خىيال قىلىشنى مەشىق قىلىش. كىشىلەرنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىدىكەن، ئۇيقۇنى تەڭشەپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشىلىق قىلىش، كېسەل مىكروبلىرىنى ۋاقتىدا يوقىتىش كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن.
ھەركەت قىلىش ھەقىقەتەنمۇ خاسىيەتلىك ۋە شىپاللىق، ئىشەنچىلىك، ئۈنۈمى تېز ۋە يۇقىرى بولغان، پۇل كەتمەيدىغان، شارائىت تاللىمايدىغان كىچىكتىن چوڭغىچە ھەممە كىشى ئىرشەلەيدىغان ياخشى دورا. ئادەم ئەگەر ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆمرىنى ئۇزارتماقچى بۇلىدىكەن، ئۇنداقتا ئۈزۈلدۈرۈپ قويماي دائىم ھەركەت قىلىشى، پىيادە مېڭىشى، ئاستا ئۇزۇنغا يۈگرىشى، ماشنىدا ئىمكانقەدەر ئاز ئولتۇرشى لازىم. ھەركەت ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇشتا تەنتەربىيە تۈرلىرى ئىچىدىن ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان، ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان مەلۇم بىر تۈرنى تاللىۋېلىپ، شۇ تۈر بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغاندا ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ مۇھىم سىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى دائىم مىدىرلاپ تۇرۇش، دائىم ھەركەت قىلىش- ھەركەت ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان ھەققى ئىشەنچىلىك دورا. ھۇرۇنلۇق، ئېرىنچەكلىك، راھەتپەرەسلىك، تولا ھاللاردا يېتىۋېلىش، تېلىۋىزور ئالدىدا سائەتلەپ ئۇزاق ئولتۇرۇۋېلىش، ھەركەتتىن زېرىكىش ساغلاملىقنىڭ چوڭ دۈشمىندۇر.
تۆت پەسىلنىڭ ئۆزىگە خاس كۈتۈنۈش ئۇسۇلى بولىدۇ. ئەتىيازدا چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى ئازراق، پىچەكگۈل، بانان ۋە چىلان قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق تالنى قۇۋۋەتلەش، ياز كۈنلىرى پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك يېيىش، باش كۈزدىن باشلاپ ئۇماچنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك. قىشتا سوغۇقنىڭ تەسىرىدىن ئاشقازان غىدىقلىنىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۈچىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى بالدۇر ئۇخلاش ، ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىپ بەدەننى ئىللىتىش، ئاشقازان ۋە تالنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.جۇڭگو تېبابىتىدە تال ۋە ئاشقازان ساغلاملىقنىڭ «يىلتىزى» دەپ قارىلىدۇ، ئەگەر تال ۋە ئاشقازان زەئىپلەشسە، نۇرغۇن كېسەل پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، تال ۋە ئاشقازاننى ئاسراش ساغلام ۋە كۈچلۈك بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. تال ۋە ئاشقازىنىڭىز ساغلاممۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەزالارنى كۆزىتىپ بېقىڭ:
1.كالپۇك. تال ۋە ئاشقازىنى ياخشى كىشىلەرنىڭ كالپۇكى قىزىل، نەم، سىلىق ۋە پارقىراق كېلىدۇ؛ تال ۋە ئاشقازىنى ناچار كىشىلەرنىڭ كالپۇكى تاتىرىپ تۇرىدۇ، قىزىللىق بولمايدۇ، قۇرغاق بولۇپ ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ. ئاغزى پۇراش، چىش مىلىكى ئىششىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆپىنچە تال ۋە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زەئىپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئۇخلىغاندا شۆلگەي ئېقىشمۇ تال زەئىپلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
2. بۇرۇن. دىماغ قۇرغاق بولۇش، پۇراش سېزىمى يوقىلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، بۇرۇن قاناش، بۇرۇن لىپىلدىكى قىزىرىش ۋە بۇرۇننىڭ ئۇچى كۆكىرىش بىلەن بىللە، قورساق ئاغرىش قاتارلىقلار كۆپىنچە تال ۋە ئاشقازاننىڭ زەئىپلىكىدىن بولىدۇ.
3. كۆز. تال ۋە ئاشقازان زەئىپلەشسە، ئاسانلا ماغدۇرسىزلىق كۆرۈلۈپ، جىگەرگە تەسىر يېتىپ، كۆز ئاسان چارچايدۇ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ. بۇلاردىن باشقا تال بىلەن ئادەم تېنىنىڭ سۇيۇقلۇق سۈمۈرۈشىنىڭ مۇناسىۋىتى زور بولغاچقا، دائىم كۆز قىزىرىپ ئىششىش، يۈز ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، تالدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
4. قۇلاق. تال ۋە ئاشقازاننىڭ زەئىپلىشىشى بۆرەك زەئىپلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ. كىشى زىيادە چارچاپ كەتكەندە ياكى كەيپىياتى ناچارلاشقاندا، تال ۋە ئاشقازان زەئىپلىشىدۇ. بولۇپمۇ ئەتىيازدا جىگەرنىڭ ھارارىتى ئېشىپ كېتىپ ئادەم تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ. تال ۋە ئاشقازاندا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەندە، پۇت-قول مۇزلايدۇ، ماغدۇرسىز ھېس قىلىدۇ، بەزىدە ئىچى سۈرىدۇ.
ئاشقازان ئاغرىقىنىڭ كۆپىنچىسى يېمەك-ئىچمەكنىڭ تىزگىنلەنمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، تال ئاغرىقى زىيادە چارچاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.تال ۋە ئاشقازان ئۈچتىن قورقىدۇ. بىرىنچى، خامدىن، ئىككىنچى، سوغۇقتىن، ئۈچىنچى، چىڭقىلىشتىن. ھەر خىل سوغۇق ئىچىملىك، خام كۆكتات، مېۋە-چىۋىمۇ بەدەننى سوۋۇتۇپ، تال ۋە ئاشقازاننى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ. بەك ئاچ، بەك توق يۈرۈشمۇ تال ۋە ئاشقازاننى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ.بەزى دورىلارمۇ تال ۋە ئاشقازاننى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ. تۆمۈرسۇلفات، ئامىنوفىللىندەك غەربچە دورىلار تال ۋە ئاشقازاننى غىدىقلاپ، كۆڭۈل ئاينىش ۋە ياندۇرۇشنى پەيدا قىلىدۇ؛ گۇئانېتىدىن، پروپرانولول قاتارلىقلار ئىچىنى سۈرگۈزىدۇ؛ ئاسپىرىن، ناترىي سالىتسىلات قاتارلىقلار ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاناشنى پەيدا قىلىدۇ. ئوسما يىلتىزى، ليۇشېنۋەن كومىلىچىدەك تەبىئىتى سوغۇق جۇڭيىچە دورىلارنى تېنى سوغۇقتىن زەئىپلەشكەن، دائىم ئىچى سۈرىدىغانلار ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.تال ۋە ئاشقازان يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، يېمەكلىكلەرنى يۇمشاق چايناپ يېيىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق.
تېخنىكىنىىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرش نۇرغۇن كىشىلەرنى ئارزۇسى بۇلۇپ قالدى .تېىنىكلار ۋە ئالىم تەتقىقاتچىلار بۇ توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ .ئالىملار يىپچە قۇرتنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش گېنىنى كۆچۈرگەندە، ئىنسانلارنىڭ 500 ياشقا كىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى تەجرىبىخانىدا يىپچە قۇرتنىڭ ئىككى گۇرۇپپا گېن تۈزۈلۈشنى رەتلەپ، بۇ جانلىقنىڭ ئۆمرىنى بەش ھەسسە ئۇزارتقان. ئۇ بۇ تەتقىقات بىلەن گېننىڭ رولى ئارقىلىق قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى ياشانغانلار تەتقىقاتخانىسىدىكى دوكتور پەنكاچ: بىز ئېرىشكەن نەتىجىگە قارىغاندا، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى بەش ھەسسە ئۇزارتالايدۇ»دېگەن. دوكتور پەنكاچ نەچچە يىل سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يېشىنى ئۇزارتىش مۇمكىنچىلىكىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن، شۇنىڭدەك گېننىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان رولىنى ئاشۇرۇش مۇمكىن، دېگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:«راك كېسىلى تەتقىقاتچىلىرى دەسلەپتە مۇھىم نۇقتىنى يەككە گېننىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراتقان، كېيىن بىر گۇرۇپپا گېننىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆزگىرىشلىرى كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇ خىل ئەھۋال قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكىمۇ ماس كېلىشى مۇمكىن ئىكەن».يىپچە قۇرت گېن گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىنغان تۇنجى ھاسىلات بولۇپ، قېرىش ۋە ئۆمۈرنى ئۇزارتىش تەتقىقاتىدىكى يېڭى بۆسۈش ئىكەن. بۇ تەتقىقات 100 ياشلىق ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى يەككە گېنغا ھۆكۈم قىلىش قىيىن بولۇشتەك مەسىلىگە جاۋاب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. دوكتورنىڭ دېيىشىچە، گېنلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا تەسىر قىلىش ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved