گوگول تورى 24 فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: فىلىم يوللاش ۋە تارقىتىش تورى YouTube كىچىك بالىلارغا مەخسۇس YouTube ئىشلىتىش لاھىيىسىنى ئوتتۇرغا قويدى، يېڭى لاھىيە ھازىرچە پەقەت ئامېرىكىدا ئىشلەيدۇ.
كىچىك بالىلارنىڭ كۆچمە ئۈسكىنىلەرگە ئالاھىدە قىزىقىشى بىر قىسىم شىركەتلەرنى ھەرىكەتكە ئەكىلىشكە باشلىدى. بۇ شىركەتلەردىن بىرى بولغان Google نىڭ YouTube ئارقىلىق كىچىك بالىلارغا مەخسۇس بىر ئەپ ئىشلىتىش لاھىيىسى سۇنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئەمەلىيەتكە ئايلاندى ۋە YouTube كىچىك بالىلارغا مەخسۇس بىر ئىشلىتىش لاھىيسىنى چىقاردى. بۇ يېڭى YouTube ئەپ دىتالى ھەقسىز بولۇپ Android ۋە iOS سېستىمىلىق كۆچمە ئۈسكىنىلەردە چۈشۈرىلىدۇ، بۇ ھازىرچە پەقەت ئامېرىكىدا ئىشلەيدۇ.
ئاتا-ئانىلار بۇ ئەپ دىتالىدا ئىشلىتىش لاھىيسى ئارقىلىق بىر قىسىم تەڭشەك ۋە چەكلەش ئېلىپ بارالايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەپنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىلىش ۋاقتى ۋە قايسى مەزمۇنلارنىڭ كۆرسىتىلىپ-كۆرسىتىلمەسلىكى قاتارلىق تەڭشەكلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنڭدىن باشقا يەنە بالىلار ئۈچۈن ئىزدەش چەكلىمىسىمۇ بار. ئائىلىلەر بىر ۋاقىتتا كەينىدىن ساناش سائىتى بەلگىلەپ ۋاقىتنىڭ توشقانلىقىنى ئېكراندا كۆرسىتەلەيدۇ، بالىلارغا مەخسۇس مەزمۇنلارنى كۆرسىتىدىغان بۇ ئەپ دىتالىدا ئېلان تۈرىمۇ بار، Google تەرەپتىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا ئېلان-تەشۋىقات تۈرلىرىدىمۇ بالىلار ئۈچۈن مۇۋاپىق ئېلانلار كۆرسىتىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved