جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ، 16-چېسلا 8 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە ،462 ئادەم ئولتۇرغان ‹‹SEWOLنۇمۇرلۇق ›› يۇلۇچىلار پاراخوتى (6825توننىلق ) كورىيە چۈئەنلو ئۆلكىسى مەرۋايىت تاقىم ئاراللىرىدىكى گۈئەنمېي ئارىلىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى يۈنلىشتە 3 كىلومىتىر كىلدىغان دېڭىز يۈزىدە كۈتۈلمىگەندە ئىچىگە سۇ كىرىپ كىتىپ ، پاراخوت ئاستا- ئاستا يان تەرەپكە قىيسايغان، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي چۆكۈپ كەتكەن.
كورىيە مەركىزى ئاپەتكە بىخەتەرلىك تەدبىرى تۈزۈش ئورنىنىڭ 17-چېسلادىكى خەۋرىگە ئاسالانغاندا ، شۇ كۈنى سائەت 9 ئەتراپىغچە 8 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ،179 ئادەمنىڭ قۇتقۇزۋېلىنغانلىقى يەنە 288 ئادەمنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكى مۇقىملاشقان.
16-چېسلا8دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە ، كورىيەدىكى بىر 462 ئادەم ئولتۇرغان ‹‹SEWOLنۇمۇرلۇق ›› يۇلۇچلار پاراخوتىنىڭ كورىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى دېڭىز يۈزىدە چۈكۈپ كەتكەن ، ئەينى ۋاقىتتا تېلگىرامما يوللانغىچە بولغان ۋاقىتتا 4 ئادەم ۋقەدە ئۆلگەن بۇلۇپ، 284 ئادەم يۇقاپ كەتكەن ، 174 ئادەم قۇتقۇزۋېلنىشقا ئېرىشكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەن يۇلۇچىلار پاراخوتىدا جەمئى 462 نەپەر ئادەم بار بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 352 نەپەر جىجوۋ ئارىلىغا ساياھەتكە ماڭغان ئوقۇغۈچى ۋە 15 ئوقۇتقۇچى بار ئىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئانالىز قىلشىچە، يۇلۇچىلار پاراخوتى چۆكۈپ كەتكىلى بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۈتۈپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى يۇقاپ كەتكۈچىلەرنىڭ ھايات قېلىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن ئىكەن.
ئىككى سائەت ئىچىدە يۇلۇچىلار پاراخوتى دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن
15-چېسلا كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا، ‹‹SEWOLنۇمۇرلۇق›› يۇلۇچىلار پاراخوتى كورىيەنىڭ رېنچۈئەن پورتىدىن چىقىپ ، جىجوۋ ئارىلىغا بولغان سەپىرىنى باشلىغان.
جىجوۋ ئارىلى كورىيە پۇقرالىرنىىڭ دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىشقا تاللايدىغان بىرىنجى جاي ئىكەن.بۇ يۇلۇچىلار پاراخوتتا كورىيەدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ352 نەپەر ئۇقۇغۇچىسى ۋە 15نەپەر ئوقۇتقۇچىسى ئولتۇرۇپ جىجوۋ ئارىلىغا ساياسەتكە ماڭغان ئىكەن ، ئەمما ئۇلار ئۆزىنى قارشى ئالدىغنىنىڭ دېڭىزدىكى قاباھەتلىك چۈش ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان .
16-چېسلا ئەتتىگەن سائەت 8دىن58 مىنۇت ئۆتكەندە ، ‹‹SEWOLنۇمۇرلۇق›› پاراخوتتىن تۇنجى قۇتقۇزۇش سىگنالى تارقىتىلغان ، پاراخوت سۇغا چۈكۈشكە باشلىغان.
‹‹SEWOLنۇمۇرلۇق›› يۇلۇچىلار پاراخوتى 1994- يىلى ياپونىيەدە ئىشلەنگەن بۇلۇپ، 2012-يىلى 10-ئايدا رەسمىي كورىيەنىڭ قاتنىشىغا ئىشىلتىلگەن، ئاسالىقى كورىيەنىڭ رېنچۈئەن بىلەن جىجوۋ ئارىلى ئارىسىدا قاتنىغان، پاراخوتنىڭ ئۇمۇمى ئۇزۇنلىقى 145مىتىر ، كەڭلىكى 22 مىتىر بۇلۇپ، 921 نەپەر يۇلۇچىنى سىغدۇرالايدىكەن. نۆۋەتتە كورىيەدىكى ئوخشاش تىپتىكى پاراخوتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى ھېسابلىندىكەن.
چۈشتىن بۇرۇن 10 ئەتراپىدا پاراخوت گەۋدىسى سول تەرەپكە 90گىرادۇس قىيسىيىپ چۆكۈشكە باشلىغان. ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ 462 ئادەم ئولتۇرغان يۇلۇچىلار پاراخوتى قۇتقۇزۇشقا بارغان خادىملارنىڭ كۆز ئالدىدىلا پۈتۈنلەي دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن. بۇ 20 يىلدىن بۇيانقى كورىيەدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر دېڭىز خەتىرى بۇلۇشى مۇمكىن.
‹‹سۇ بەك سوغوق ››
قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغانلىق سىگنالىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن كورىيە تەرەپ دەرھال قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. كورىيە سېڭىز ساقچى تەرەپ جىددى ھوشىيار كىمىسى ۋە تىك ئۇچار ئايروپلانىنى ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز رايونىغا ياردەمگە ئەۋەتكەن. ئارقىدىن كورىيە دېڭىز ئارمىيسى ۋە ئەتراپتىكى سودا پاراخوتلىرىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان .
ئەينى ۋاقىتتا تارتىلغان سىز كۆرنىشىدە كۆرسىتىلشچە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى پاراخوت چۆكۈۋاتقان ۋاقىتتا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنى پاراخوت دېرىزىلىردىن قۇتقۇزۇپ چىققان، يەنە بەزى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دېڭىزغا سەكرىگەن.
بىر قۇتقۇزۋېلىنغان ئۇقۇغۇچى مۇنداق دىگەن:‹‹مەن ئەينى ۋاقىتتا كۈچۈمنىڭ بارىچە سۇ ئۈزۈپ ئاندىن قۇتقۇزۇشقا ئېرشەلىدىم ، سۇ بەك سوغوق ئىكەن، مىنىڭ ياشىغۇم بار . ››
چۈشتىن كىيىن سائەت 2 دە، كورىيە بىخەتەرلىك قىسمى 368 نەپەر يۇلۇچىنىڭ قۇتقۇزۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لىكىن ئارقىدىنلا رەت قىلىپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ سانغا ئېلىش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى ، ئەمىلىي قۇتقۇزۋېلىنغانلارنىڭ 164 ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 16-چېسلا كەچ سائەت 7 گىچە 4 ئادەمنىڭ ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەن،يەنە 284 ئادەم يۇقاپ كەتكەن،174 ئادەم قۇتقۇزۋېلىنغان.
كورىيە بىخەتەرلىك قىسمى ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇرلاردا بىر كۈن ئىچىدە كۆپ قېتىم خاتالىق كۆرۈلگەن. ئەڭ دەسلەپ ئىلان قىلىنغاندا 477 ئادەم بار دىيىلگەن ، كىيىن بۇ سان 459 قا ئۆگەرگەن، لىكىن پاراخوت شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە پاراخوتتا 462 ئادەم بۇلۇپ ، مۇشۇ تۈپەيلى كورىيە بىخەتەرلىك قىسمى ئەڭ ئاخىردا پاراخوتتىكى ئادەم سانىنى 462 ئادەمگە مۇقىملاشتۇرغان.
نۆۋەتتە قۇتقۇزۋېلىنغان يۇلۇچىلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپرىلغان. ئىگەللەشكە قارىغاندا ، يېقىن ئەتراپتىكى سودا پاراخوتلىرى قۇتقۇزۋېلنغان يۇلۇچىلارنى يۆتكەشكە مەسئۇل بولغان. ئامىرىكا ئارمىيسىمۇ بىر پاراخوت ئاجرىتىپ ياردەم قىلغان.
يۇلۇچىلار دېڭىزغا سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتكەن
فىرانسىيە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋرىگە ئاسالانغاندا ، كۆپلىگەن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يۇلۇچىلار يېقىن ئەتراپتىكى سودا پاراخوتلىرى ۋە بېلىقچى كىمىلىرى تەرپىدىن قۇتقۇزۋېلىنغان دېڭىز ساقچىسى ، دېڭىز ئارمىيسى پاراخوتلىرى ۋە تىك ئۇچار ئايروپلان ۋەقە تۈز بەرگەن دېڭىز رايونىغا كەلگەندە پاراخوت ئاللىقاچان پۈتۈنلەي چۆكۈپ كىتەي دەپ قالغان بۇلۇپ ، سۇدىكى قېچىپ چىققان يۇلۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ئانچە خەتەرلىك ئەمەس بۇلۇپ قۇتقۇزۇش ئاسان بولغان ئەمما پاراخوت ئىچىدە تۇرۇپ قالغان يۇلۇچىلارنى قۇتقۇزۇش بەك مۈشكۈل بولغان.
تۇنجى بۇلۇپ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يىتىپ بارغان تىك ئۇچاردىكى خادىمنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن تارتقان تېلىۋىزىيە سېن كۆرنىشىدە كۆرسىتىلشىچە، پاراخوتنىڭ يانغا قىيسىيىش جەريانىدا بىر قىسىم يۇلۇچىلار قورقۇپ تەمتىرەپ قۇتقۇزۇش كىيمىنى كىيىپ يەل بىرىلگەن كىچىك كىمىلەرگە چىقىۋالغان ، يەنە بىر قىسىم يۇلۇچىلار دەسسەپ تۇرالماي دېڭىزغا سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتكەن.
بىر قۇتقۇزۇشقا بارغان ئەترەتنىڭ يۇقىرى دىرىجىلىك ئەمەلدارى نەخ مەيداندا فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرغا تېلفون قىلىپ :‹‹پاراخوت ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان يۇلۇچىلارنىڭ ھايات قېلىشى بەلكىم مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن›› دىگەن .
كورىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دېڭىز سۈينىڭ تىمپىراتۇرسى تۈۋەنلەپ يۇقاپ كەتكەنلەرنىڭ ھايات قېلىش مۇمكىنچىلكىنى يەنىمۇ ئازايتىۋەتكەن .
‹‹چىقىش يولى سۇ بىلەن لىق تولغان››
نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا ، قاپقارا سوغوق دېڭىز يۈزىدە ئادەمنى بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈردىغان ئىزدەش ھەركىتى ئېلىپ بېرىلماقتا .
كورىيە دېڭىز ئارمىيسى ۋە دېڭىز ساقچى قىسمىنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تە پاراخوت ئىچىگە كىرىپ قۇتقۇزۇشنى باشلىغان. ئۇلار پاراخوتنىڭ ئۈچ بۆلىمىگە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ بىرمۇ ھايات قالغۇچىنى بايقىمىغان.
قۇتقۇزۇش خىزمىتى قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. كورىيە بىخەرتلىك ۋە ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىىنىستىرى لىجىيوڭ ئوڭ :‹‹دېڭىز سۈيدە قۇم دانچىلىرى بەك كۆپ بۇلۇپ كۆۈرۈش دەرىجىسى بەك تۆۋەن ›› دىگەن .
نۆۋەتتە تۆت ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى مۇقىملاشقان، بىر ئايال پاراخوت خادىمىنىڭ جەسىتى پاراخوت ئىچىدىن بايقالغان، يەنە بىر تۇلۇق ئوتتۇرا ئۇقۇغۇچىسى قۇتقۇزۋېلىنغاندىن كىيىن ئۆلۈپ كەتكەن.
بىر قۇتقۇزۋېلىنغان تۇلۇق ئوتتۇرا ئۇقۇغۇچىسى مۇنداق دىگەن:‹‹ئاشۇ ۋاقىتتا پاراخوت ئاللىقاچان ئۆرۈلۈپ كەتكەن بۇلۇپ ، بىرەيلەن مىدىرلىماسلىقنى بولمىسا بولمىسا بەك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى دىدى ، شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن جىم تۇردۇق›› يەنە بىر تولۇق ئوتتۇرا ئۇقۇغۇچىسى تۇلۇقلاپ :‹‹شۇڭا مەنمۇ تەپسىلى ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەيمەن ، لىكىن مەن دوستلىرىمنىڭ پاراخوت ئىچىگە سولىنىپ قالغانلىقىنى پاراخوت يوللىرنىڭ سۇ كىرىپ ئىتىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم .››
باشقا قۇتقۇزۋېلىنغانلارنىڭ بىلدۈرشچىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا پاراخوت ئىچىدىكى رادىئومۇ ئۇلارنىڭ پاراخوت ئىچىدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئەمما بۇ ۋاقىتتا پاراخوت ئىچىگە ئاللىقاچان سۇ كىرىپ بولغان. پاراخوت گەۋدىسنىڭ توختىماي ئىرغاڭلىشىدىن كىشىلەر دەسسەپ تۇرالماي بىر-بىرىگە سۇقۇلۇشقا باشلىغان بۇ ئەھۋال يۇلۇچىلارنى تېخىمۇ بەك ھۇدۇقتۇرۇپ قويغان.
بىر جىن فامىللىك ئەرنىڭ دىيشىچە، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن يېنىدىكى يۇلۇچىلارغا ياردەم قىلىپ بىللە قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغان ئەمما مۇۋاپپىقەتلىك بولمىغان . ئۇ :‹‹ مەن ئەڭ ئاخىرغىچە كارىدوردا باشقا يۇلۇچىلارغا ياردەم قىلىپ چىقىپ كىتىشنى ساقلاپ تۇردۇم ، بىراق سۇ بەك تىزلىكتە كىرىپ باشقا يۇلۇچىلار قېچىپ چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدى. ››
كورىيە پېرىزدېنتى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن
كورىيە پېرىزدېنتى پىيوڭجىنخۇي بىلدۈرۈپ ‹‹ بۇ ھەقىقي تېراگىدىيە ›› دىگەن
‹‹بۇنچە كۆپ ئۇقۇغۇچىنىڭ بۇنداق خەتەرگە يۇلۇقىشىنى كۆرۈپ مەن قاتتىق قايغۇردۇم ........بۇ بىر ھەقىقي تېراگىدىيلىك ئىش ، مەن سىلەرنىڭ پۈتۈن كۈچىڭلارنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقشىڭلارنى تەلەپ قىلمەن .›› مانا بۇ ئايال پېرىزدېنتنىڭ ئاشۇ كۈنى قىلغان سۆزى، ئۇيەنە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ :‹‹چۇقۇم كۈن پېتىشىتىن بۇرۇن يۇلۇچىلارنىڭ ھايات-ماماتلىقىنى مۇقملاشتۇرۇش كىرەك ›› دىگەن .
ۋەقەگە يۇلۇققان پاراخوت تەۋە بولغان پاراخوت شىركىتى كەچۈرۈم سورىدى . مەزكۇر شىركەتنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلدۈرۈپ: ‹‹ مەن يۇلۇچىلاردىن كەچۈرۈم سۇرايمەن ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلە- تاۋاباتىدىن كەچۈرۈم سورايمەن ، بىز چۇقۇم پۈتۈن كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ ھاياتلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىمىز . مېنى كەچۈرۈڭلار ›› دىگەن .
غەزەپلەنگەن ئاتا-ئانىلار ئاللىقاچان شەنيۈئەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە يىغىلىپ قوللىرىدا تېلفۇننى تۇتقىنىچە ھايات قالغانلار تىزىملىكىنى ئاشكارلاشنى كۈتۈپ تۇرماقتا .
‹‹كىمە خادىملىرى توختىماي بىزگە ھەركەت قىلماي ئورنىمىزدا جىم ئولتۇرشىمىزنى ئېيتتى بىراق تۇيۇقسىز پاراخوت بىر تەرەپكە قىيسىيىپ ھەممەيلەن بىر تەرەپكە سىيرىلىپ كەتتۇق ئاندىن قېچىپ چىقىپ كىتىش بەك تەسلىشىپ كەتتى ›› دىدى بىر قۇتقۇزۋېلىنغان قىز .
سۇئال 1: پاراخوت نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا چۆكۈپ كىتىدۇ ؟
خەۋەر يوللانغانغا قەدەر پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كىتىش سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس . لىكىن قۇتقۇزۋېلىنغان يۇلۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئاۋۋال بەك كۈچلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىغان ئاندىن پاراخوت يانغا قىيسىيشقا باشلىغان. بەزىلەرنىڭ پەرەز قىلشىچە، بۇ بەلكىم پاراخوتنىڭ يۇشۇرۇن خادا تاشقا ياكى باشقا پاراخوتىغا سۇقۇلىشىدىن بولغان بۇلشى مۇمكىن. كورىيە ئاخبارات ۋاستىللىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ دېڭىز ساقچىسى تەرەپنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، پاراخوت ئەسلى يۈنلىشتىن قېيىپ كەتكەن دىگەن . بۇ ئەمەلدارنىڭ دىيشىچە پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن رايوندا يۇشۇرۇن خادا تاش ۋە دېڭىز قاينىمى بار بۇلۇپ ، پاراخوت باشلىقى بەلكىم سەپەر ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن يۈنلىشنى ئۆزگەرتكەن بۇلىشى مۇمكىن ئىكەن.
يەنە باشقا كورىيە ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەن پاراخوتنىڭ پاراخوت باشلىقى ۋاكالىتەن پاراخوت باشلىقى بۇلۇپ ، بۇ پاراخوت يولغا چىققان ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئەسلى يولغا چىقىش ۋاقتىدىن كىچىككەن بۇلۇپ ، بەلكىم دەل ۋاقتىدا جىجوۋغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن يۈنلىشىنى ئۆزگەرتكەن بۇلشى مۇمكىن. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن پاراخوتنىڭ مەسئۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 كىشى ساقچىلار تەرپىدىن تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كىتىلگەن .
سۇئال2: پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن تۇرسا قانداق ئادەم قۇتقۇزىدۇ ؟
كورىيە دېڭىز ئارمىيسى ئاللىقاچان 82 ئادەمدىن تەركىب تاپقان بىر دېڭىز ئاپىتى قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە 114 ئادەمدىن تۈزۈلگەن دېڭىز ئارمىيە ئالاھىدە جەڭ قىلىش قىسمىنى ھەركەتلەندۈرۈپ ، ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز رايونىدا پۈتۈن دائىرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. لىكىن لۈچلۈك ئوكيان ئېقىمى ۋە كۆرۈش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن بۇلىشى بىرىنجى قېتىملىق قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان.
ئىگەللىنىشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز رايونىنىڭ چوڭقۇرلقى ، دولقۇن ئىگىزلىكى 0.5 مىتىر ، سۇ تېمپىراتۇرسى 11.7 گىرادۇس ئىكەن. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۋاتقان بۇلۇپ ، لىكىن ئۇلا پەقەت كىچىك تىپتىكى ئوكسىگىن خالتىسىنى يۈدۈپلا تېيىز چۆكۈپ ئاختۇرۇش ئېلىپ باردىغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلدىغان جاينىڭ كۆرۈش دائىرسى ئاران 20CM ، سائەتلىك ئېقىش سۈرتىنىڭ 8 كىلومىتىر بۇلۇشى تۈپەيلى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن .
بىر دېڭىز يۈزىدە قۇتقۇزۇش مۇتەخەسىسنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرىشىچە ، بۇنداق شارائىتتا ئىزدەش ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن قىيىن . ئالدى بىلەن سۇ تىمپىراتۇرسىنىڭ 11.7 گىرادۇس بۇلشى سۇنىڭ بەك سوغوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئادەم بۇنداق ۋاقىتتا كۆپ بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. ئىككىنجىدىن، ئادەتتە دېڭىزدا كۆرۈش دائىرسى 2Mبولغاندىمۇ ئاساسەن ھېچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ ، كۆرۈش دائىرسىنىڭ 20cmبۇلىشى ئەلۋەتتە ئىنتايىن تۆۋەن ھىسابلىنىدۇ، بۇنداق شارائىتتا نىشاننى بايقان تۇلمۇ قىيىن . ئۈچىنجىدىن ، سائەتلىك ئېقىش سۈرىتىنىڭ 8 كىلومىتىر بۇلىشى ئاللىقاچان بەك كۈچلۈك بۇلۇپ كەتكەن ، ئەگەر يۇلۇچىلار دېڭىزغا سەكرىگەن بولسىمۇ جەزمەن سۇ ئېقىتىپ كىتىدۇ، ئۆزى سۇ ئۈزۈپ ياكى توختىۋېلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ.
ئۇندىن باشقا ،30مىتىرلىق چوڭقۇرلۇقمۇ ئىزدەشكە چوڭ قىيىنچىلىق ئېلىپ كىلىدۇ. ئادەتتە سۇ چوڭقۇرلۇقى 12 مىتىر ئىچىدە بولسا ئادەتتىكى ئۈسكۈنلەرنى ئىشىلتىشكە بۇلدىغان بۇلۇپ ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە چۇقۇم مەخسۇس غەۋۋاس ۋە ئۈسكۈنە لازىم بۇلدىكەن.
كورىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چوڭقۇرلۇقى 30 مىتىرلىقتىن ئاشىدىغان دېڭىز رايوندىكى ئىزدەش خىزمىتى دېڭىز ئارمىيە قىسمىنىڭ ئىككى سۇ ئاستى پاراخوتنىڭ ياردىمگە مۇھتاج ئىكەن ، بۇ ئىككى پاراخوت 17- چېسلا سەھەردە يىتىپ باردىكەن.
سۇئال3: نىمە ئۈچۈن كۆپلىگەن يۇلۇچىلار يۇقاپ كىتىدۇ ؟
كورىيە ئاخبارات ۋاستىللىرى قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئانالىز قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن پارخوت 15-چېسلا كەچ سائەت 9 دا رېنچۈئەندىن جىجوۋغا قاراپ يولغا چىققان ، ۋەقە يۈز بەرگەندە سائەت 8 دىن سەل ئاشقان ، بەلكىم كۆپلىگەن يۇلۇچىلار تېخىچە ئۇخلاۋاتقان بۇلشى مۇمكىن.
دېڭىز ساقچى ئەمەلدارىنىڭ قارشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن ، پاراخوت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېزىلكتە يانغا قىيسايغان ، كۆپلىگەن ئاستىدىكى سودا دۇكانلىرى ، رېستۇران ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىدا قاپسىلىپ قالغان يۇلۇچىلار قېچىپ چىقالمىغان بۇلشى مۇمكىن.
بۇندىن باشقا ، ۋەقە چىققان پاراخوت كۆپ قەۋەتلىك بۇلۇپ ، پاراخوت ئىچى قۇرۇلىشى مۇرەككەپ ئىكەن. پاتپاراقچىلىقتا قېچىش يولىنى تاپالماسلىق كۆپ يۇلۇچىلارنىڭ قېچىپ چىقالماسلىقىغا سەۋەب بولغان بۇلشى مۇمكىن ئىكەن . شىنخۇا ئاگېنتلىقنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا بەزى قۇتقۇزۋېلىنغان يۇلۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ئەينى ۋاقىتتا توك توختاپ قالغان بۇلۇپ كۆپلىگەن ئىشىكلەر ئېچىلمىغان.
سۇئال4: يۇقاپ كەتكەنلەر ھايات قالالامدۇ يوق ؟
ئەگەر پاراخوتنىڭ چۆكۈش سۈرىتى تىز ، قېچىشقا تەشكىللەش ياخشى بولمىسا ئۇ ھالدا كۆپلىگەن يۇلۇچىلار پاراخوت بىلەن غەرىق بۇلۇپ كىتىدۇ.
كورىيە ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلىشچە، كورىيە دېڭىز ساقىچى قىسمى ۋە دېڭىز ئارمىيسى خادىملىرى ئاشۇ كۈنى چۈشتىن كىين سائەت 5 تە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت ئىچىگە كىرىپ ئىزدەش ئېلىپ بارغان.
بىر دېڭىزدا ئاختۇرۇش مۇتەخەسىسىنىڭ شىنجىڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، نەزەرىيە نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، پاراخوتتا يەنىلا مەھكەم ئېتىلگەن ئادەم پاتقۇدەك بوشلۇق بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما سۇ ئاستىدا تېمپىراتۇرا تۆۋەن ، ھاۋامۇ ئاز ، شۇڭا ئادەمنىڭ بۇنداق ياشىيالىشى ئىنتايىن قىسقا . ئەگەر يەنە نەچچە سائەت ئۆتكۈزۋىتىپ پاراخوت ئىچىگە كىرسە بىرمۇ ساق قالغۇچىنى تاپالماسلىقى مۇمكىن.
قۇتقۇزۇلغان يۇلۇچىنىڭ ئەسلەپ دەپ بىرشىچە، پاراخوت ۋەقەگە يۇلۇققاندا ئۇلار تاپشۇرۋالغان ئۇقتۇرۇش ئۇلانىڭ قالايىمقان ھەركەت قىلماسلىقىنى ئېيىتقان. يۇقرىدىكى دېڭىزدا ئاختۇرۇش مۇتەخەسىسنىڭ دىيشىچە، ئادەتتە پاراخوت خەتەرگە يۇلۇققاندا چۆكۈش سۈرىتى تىز بولسا ئۇ ھالدا دېڭىزغا سەكرەپ ھايات قېلىش مۇمكىنچىلىكى نىسپى قىلىپ ئېيتقاندا زور ئىكەن. ئەگەر چۆكۈش سۈرىتى بەك تىز بولمىسا يۇلۇچىلار پاراخوتتا ئاخىرغىچە تۇرۇشنى تاللىسا بىز قۇتقۇزۇشقا كەلگەندە ھەممەيلەننى پاراخوتتىنلا قۇتقۇزۋالايمىز .
قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى يۇلۇچىلارنىڭ ھايات قېلشغا كاپالەتلىك قىلدىغان يەنە بىر ئامىل
خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلمىسگە ئاساسەن، پاراخوتقا سەپلەنگەن قۇتقۇزۇش ئەسلىھەسى چۇقۇم يۇلۇچىلارنىڭ سانىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بۇلۇشى كىرەك ئىكەن ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا پاراخوتقا 900 ئادەم ئولتۇرغان بولسا قۇتقۇزۇش ئەسلىھەسدىن 1800 ى پاراخوت ئىككى تەرپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدىكەن. ئەگەر ئوڭ -سول ئىككى تەرەپنىڭ بىرسىگە قىيسايسا يەنە بىر تەرەپتىكىنى ئىشلەتكىلى بۇلدىكەن. كورىيە ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەرەققي تاپقان دۆلەت بۇلۇش سۈپتى بىلەن قۇتقۇزۇش ئەسىلىھەلىرى ناچار ئەمەس ، لىكىن ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا دەل ۋاختىدا ئىشلەتتىمۇ يوق بۇنى ھازىر تېخى بىلگىلى بولمايدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved