جاھان ئاگېنتلىقى 3-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: فرانسىيەدە 150 يولۇچى بىلەن چۈشۈپ كەتكەن ئايرۇپىلاننىڭ ئىككىنجى ئۇچقۇچى تەرىپىدىن قەستەن چۈشۈرۈلگەنلىكى ئايرۇپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئېنىقلاندى.
فرانسىيەنىڭ ئالپلەر رايۇنىدا چۈشۈپ كەتكەن Germanwings ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايرۇپىلاننىڭ پەيشەنبە كۈنى بايقالغان ئىككىنجى قارا قۇتىسىنى تەكشۈرۈلىشى تاماملاندى. تەكشۈرگۈچىلەر، قارا قۇتىدىكى ئاۋاز ھۆججىتىنى ئىنچىكە تەكشۈرگەنلىكىنى ۋە ياردەمچى ئۇچقۇچى ئاندرىس لۇبىزنىڭ ئايرۇپىلاننى قەستەن چۈشۈرۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئالاقىدار خادىملار، لۇبىز ئايرۇپىلاننىڭ تەڭشەكلىرى بىلەن قالايمىقان ھەپىلەشكەن ۋە ئايرۇپىلاننىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۋەتكەن. شۇ ئەسنادا لۇبىز ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئايرۇپىلان ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. دېدى.
بۇ قازا ۋەقەسى ھەققىدە تەپسىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان تەپتىش ئەمەلدارلىرى، لۇبىزنىڭ ۋەقەدىن بۇرۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى. تەپتىشلەر لۇبىزنىڭ كومپىيۇتېرىنى تەكشۈرۈپ، 28 ياشلىق ياردەمچى ئۇچقۇچى لۇبىزنىڭ ئىنتېرنىتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ئۇسۇللىرى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش قىلغانلىقىنى بايقىدى.
فرانسىيەدە 24-مارتتا بارسېلونا-دىسىلدورف ئارلىقىدا قاتناۋاتقان يولۇچىلار ئايرۇپىلانى چۈشۈپ كېتىپ 144 نەپەر يولۇچى ۋە 6 نەپەر ئۇچقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئايرۇپىلاننى قەستەن چۈشۈرگەن گېرمانىيەلىك ياردەمچى ئۇچقۇچى ئاندرىس لۇبىزنىڭ 6 يىل بۇۇرن ئېغىر روھى چۈشكۈنلۈك سەۋەبىدىن داۋالانغانلىقى ئىسپاتلاندى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved