غۇلجا ناھىيە خۇدىياريۈزى بازىرى ئورمان كەنتى كەنت ياشلىرىنىڭ شوپۇرلۇق ئۆگىنىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ھەمدە ياشلارنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا چىقىش يولى تېپىشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، يېقىندا غۇلجا شەھەر رۈنشېڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتتە شوپۇرلۇق كۇرسى ئاچتى.
رۈنشېڭ شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى نۇرمۇھەممەت مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ تەكلىپى بىلەن مەكتىپىمىز بۇ كەنتتە ئوقۇتۇش نۇقتىسى تەسىس قىلدى، ھازىر 20 بالا تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، بىز دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئوقۇش ھەققىنى تۆۋەنلەتتۇق، ھەمدە ئوقۇش ھەققىنى ئۈچكە بۆلۈپ تاپشۇرۇشتەك ئېتىبار سىياسەتنى يولغا قويدۇق. شۇڭا ھازىر كەنتتە شوپۇرلۇق ئۆگىنىشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.
كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سىراجىدىن ھۈسەن:« كەنتتىكىلەر غۇلجا شەھىرى ياكى غۇلجا ناھىيە بازىرىغا بېرىپ شوپۇرلۇق ئۆگەنسە كىرا ۋە تاماق ھەققى قوشۇلۇپ نۇرغۇن ئارتۇقچە چىقىم تارتىدىكەن، بىز بۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ شوپۇرلۇق كۇرسىنى كەنتتە ئاچتۇق»
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved