لىۋان ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى كاۋاج تۆنۈگۈن بېرۇتتا لىۋان ئارمىيىسى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ سۈرىيە ئۇرۇشىنى لىۋانغا كېڭەيتىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇراللىق كۈچلەرنىڭ لىۋان بىلەن سۈرىيە چېگرىلىنىدىغان ئارسال رايونىدا لىۋان ئارمىيىسىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق ئەسلىھەلەرگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇق قوزغىشى ئالدىن پىلانلانغان ھەرىكەت. بۇنىڭدىن ئىلگىرى لىۋان ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى ئىلگىرى لىۋان ئارمىيىسىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى پىلانلىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى.
كاۋاج مۇنداق دېدى: لىۋان ئارمىيىسى تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە ھەربى لاگېردا قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن دەرھال قايتۇرما زەربە بەردى، توقۇنۇشتا ئارمىيەنىڭ 10 ئەسكىرى قازا قىلدى، باشقا 13 كىشى يوقاپ كەتتى. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، لىۋان ئارمىيىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved