ئوباما 2- نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەندە، ئىزچىل ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. يېقىندا پەلەستىن بىلەن ئىسرالىيەنىڭ ئۇرۇش ئوتى يەنە تۇتاشتى، ئافغانىستان ئىچكى ئۇرۇش كىرىزىسىگە پېتىپ قېلىشقا تاسلا قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەۋرىنىش دائىملىق ئىش بولۇپ قالغان ئىراق بىلەن سۈرىيەنى قوشقاندا، ئوتتۇرا شەرق قالايمىقان بولۇپ كېتىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قارىتىلغان تەنقىدىي سادالار يەنە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئامېرىكا دۇنيا ئالدىدا خۇددى بىر قەغەز يولۋاسقا ئوخشاپ قالدى دەپ نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزنى قىلدى. كۆرۈنۈشتە كۈچلۈك، ئەمەلىيەتتە ماھىيىتى ئاجىز، لەۋزىدە تۇرمىدى دېگەن تەنقىدلەر بۇ قەغەز يولۋاسقا بېرىلگەن باھا بولدى.
ئوباما ئاممىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتىغا كۆنۈپ قالدىمۇ قانداق؟ 6-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىكى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، %58 ئامېرىكىلىق ئوبامانىڭ دىپلوماتىيەنى بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتىدىن نارازى بولغان، ئوبامانى قوللاش نىسبىتى پەقەت %40 لا بولغان. 7-ئاينىڭ باشلىرىدىكى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئوباما %33 لىك ئاۋاز بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ناچار زۇڭتۇڭى بولۇپ، رەت تەرتىۋى جەھەتتە بۇشنىڭ ئالدىدىلا تۇرغان.
ئوباما بەلكىم بۇنىڭدىن ئۇۋال قىلىنغاندەك بولىشى مۈمكىن. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئافغانىستان گۇمران بولۇش گىرۋىگىگە بېرىپ قالدى. يېڭى بىر مەيدان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتىلاي دەپ قالغانلىقىدىن يەنى زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەغلۇپ بولۇپ قالغان ئابدۇللانىڭ تەھدىتى كىشىلەرگە سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئىھتىمالىنى ھىس قىلدۇردى. بۇ چاغدا ئوباما بىلەن كېررى پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن كېررى بۇنى جىددى ياراشتۇردى. ئافغانىستاننىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى ئاۋازنى ھىسابلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتمىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ياراشتۇرۇشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى تەرىپىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە مۇۋەپپەقىيىتى، ئۇ بىر مۆجىزە دەپ باھا بېرىلدى. بۇنداق باھا رۇشەنكى گۇمانلىق، چۈنكى نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشى ۋاقىت تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىدۇ. بىراق، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، بۇنداق دىپلوماتىيە ياراشتۇرۇشى ئوبامانىڭ ئۈمىدى؛ بۇنداق قىلغاندا بىرمۇ ئەسكەر ئىشلەتمەي ئۆزىنىڭ مەقستىگە يەتكىلى بولىدۇ.
5-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىدە قىلغان نۇتۇقىدا، ئوباما باش يېتەكچىلىك ھەمكارلىقى ۋە ئىتتىپاقداشلارنى قوللاش ئۇسۇلىدا دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھىلىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇنىڭ كەسكىن بولماسلىق، ئاجىز بولۇشىغا قارىتا تەنقىدلەر ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. تاغنىڭ ئىگىز چوققىسىدا تۇرۇپ دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىشقا ئۆگىنىپ قالغان ئامېرىكا يەر شارى ئىستراتېگىيىسىنى قىسقارتىش رېئاللىقىنى قۇبۇل قىلالمىدى.
ئوباما بەلكىم ئۆزىنىڭ قاملاشمىغان چاغداۋەزىپە ئۆتەپ قالغانلىقىدىن ئاھ ئۇرۇشى مۈمكىن. كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋەزىيىتى بارغانسېرى رۇشەن بولىۋاتقان دۇنيادا، ئامېرىكىنىڭ ئەمەلى كۈچى نىسبى ئاجىزلىشىۋاتقان دەۋردە، ئۇنىڭ تەقدىرى تەنقىد سادالىرىغا پۈتۈلگەن. مۇتەسسىپ گۇرۇھىدىكىلەر 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تېئوردور رۇزىۋېلت دۇنيانى ئۆز مەيلىچە باشقۇرۇدىغان ئەھۋالىنى ئىنتايىن سېغىندى، ھازىرقى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا كىچىك كالتەك ئېلىۋېلىپ، ئېغىزىدىلا قاتتىق گەپ قىلىپ قويالايدىغان قەغەز يولۋاس ھەرىكىتىگە چىدىيالمىدى، شۇڭا ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدىدى. ئۇلار ئۇ دەۋرنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، دۇنيانىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنىنى ئۇنتۇپ قالدى. ئافغانىستان سايلىمى مەسلىسىدە ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ياراشتۇرۇشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە بولغان تايىنىشى يوشۇرۇنغان. كىممۇ دۇنيانى باشقۇرغىسى يوق دەيسىز. پەقەت بۈگۈنكى ئامېرىكىدا ئارمانغا چۈشلۈق دەرمان يوق بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق پەيتتە، ئىھتىياتچان بولۇشنى تاللاش، ھەتتا ئاجىز بولۇش جاسارەتكە تېخىمۇ مۇھتاج.
رۇشەنكى، ئامېرىكا دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ قارىدى، پەقەت رەھبەرلىك قىلىش ئۇسۇلىدا قايمىقىپ قالدى. بەزىلەر ئوباما ھۆكۈمىتى ئارىلىشىش بىلەن يېتىم قالدۇرۇش ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى ئىزدىمەكتە، مەيلى قانداق بولسۇن، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بەزى نەرسىلەر ئۆزگەرمەي ئامال يوق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved