ئادەتتىكى ئاممىنىڭ نەزىرىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيونلىرى ئاجايىپ سۈر ھەيۋىسى بار قاتتىق قول سەر خىل كىشىلەر، لېكىن بەزى سىياسىيونلار ئاممىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ «خەلقپەرۋەر» تەرىپىنى نامايەن قىلىشقا ئامراق. ئەلۋەتتە، بۇ خىل خەلقپەرۋەر ئىشلارنى چىن كۆڭلىدىن قىلدىمۇ ياكى بىر خىل شەكىلمۇ بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار ھۆكۈم قىلىڭلار. ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت 2 ۋىندسور ئات يەرمەنكىسىگە قاتناشقاندا ئايال دېھقانلاردەك ياسىنىپ، كىچىك بالىلاردەك ئوماقلارچە تىلىنى چىقاردى، ئايال پادىشاھمۇ كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە ئايال ھاماقەتكە ئۆزگىرەلەيدۇ.
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو كومبايىن ھەيدەپ شال ئورىدى، گەرچە كىيىۋالغان كىيىملىرىدىن دېھقانغا ئوخشىسىمۇ، لېكىن سىز راستىنلا ئەتراپتىكى شاللارنى ئۇنىڭ ئورىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالامسىز؟
لوندون شەھەر باشلىقى بورىس جونسون بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، بېيجىڭ مېترو 1-لىنىيەسىگە ئولتۇرۇپ كۆرۈپ باقتى. گەرچە لوندون شەھىرىنىڭ ئابرويلۇق باشلىقى بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاممىسى تونىمىدىمۇ قانداق، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئولتۇرسىمۇ ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى.
كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گۆنھېي دائېگو شەھىرىدىكى غەربىي قوۋۇق بازىرىنى زىيارەت قىلغاندا، يول بويىدىكى ئاياغ دۇكىنىدىن باھاسى 38000 ۋون (تەخمىنەن 204 يۈەن خەلق پۇلى) بولغان بىر جۈپ ئاياغ سېتىۋالدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، Gap دۇكىنىدىن ئايالى ۋە قىزىغا كىيىم سېتىۋالدى، ئوباما قىزىغا ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ كىيىم تاللىدى، مال ساتقۇچى خانقىز ئۇنىڭغا قىزغىنلىق بىلەن V پوسۇندىكى كۆينەكنى تونۇشتۇرغاندا، ئوباما تۈزلا قىلىپ V پوسۇندىكى كۆينەكنى كىيسە ئاسان سېيرىلىپ چۈشۈپ كېتىپ بەدىنى ئېچىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئاخىرىدا ئۇ ئىككى دانە ئۇزۇن يەڭلىك يۇمىلاق ياقىلىق پوپايكا سېتىۋالدى، بۇ پوپايكىلار جۇڭگودا ئىشلەنگەن بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ باھاسى 44.95 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 276 يۈەن خەلق پۇلى).
كورىيە دېموكراتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى مون جائېن كۆكتات بازىرىنى زىيارەت قىلىپ سايلامغا بېلەت توپلىغاندا، بېشىغا «يېسۋىلەك دوپپا» كىيىپ كۆكتات دۇكىنىدىكى ئايال بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. سىزنىڭچە بېشىڭىزغا يەردە ئۆسىدىغان يېسۋىلەكنى كىيىۋالسىڭىز خەلقپەرۋەر بولغىلى بولامدۇ؟
چاۋشيەننىڭ 1-خانىمى رى سولجۇ پيۇڭياڭنىڭ ساڭچيەن كوچىسىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغاندا، شەخسەن ئۆزى ئاشخانىغا كىرىپ ئىستاكان يۇيدى، قارىغاندا يولداش كىم جۇڭئۇن بىر ئاقكۆڭۈل ئىشچان قىزنى ئەمرىگە ئالغان ئوخشايدۇ.
كورىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لى مىڭبو دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە ئېتىزلىقتا ئۇسسۇزلۇق ئىچكەچ، چىغ قالپاق كىيىپ دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى.
لوندون شەھەر باشلىقى بورىس ئىشقا چىققان-چۈشكەن قاتناش بېسىق ۋاقىتتا ۋېلسىپىت بىلەن ئۆيىگە قايىتتى. يولدا ماشىنا ھەيدىگەن مەستانىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، بۇ ئىككىسىنىڭ زادى قايسىسى شەھەر باشلىقىغا بەكرەك ئوخشايدىكەن.
شاھزادا ۋېليام شەرقىي ئەنگلىيە ھاۋادا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىدە ھۆكۈمەت خىزمىتى ئىشلىگەن مەزگىلدە، تىك ئۇچار ئايروپىلاننى لىستېر دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىدىكى جون ھېنرى نيۇمان مەكتىپىنىڭ ئىچىگە توختىتىپ قويۇپ، ئىككى خىزمەتدىشى بىلەن ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىردى. ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشۈپ ئاشخانىغا كىرگەندە، شاھزادىنىڭ توخۇ كاۋىپى، كاپوستا ۋە پىشلاق يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى. شاھزادە ۋىليام قايتىدىغان ۋاقىتتا يەنە ئاشپەزگە تاماق پۇلىنى تۆلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved