رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 4- فىۋرال مۇنداق دېگەن: رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا ئاساسى بار.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 4- فىۋرال موسكۋادا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان، يىغىندا باياناتچى كىناشىنكوف رۇسىيە تەرەپ ئىگلىگەن ئاخباراتلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى يېقىندا تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسىدىكى قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۈزەتتى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك ئىزنالارنى بايقىدى، بىزنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت سۇرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا ئاساسىمىز بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تۈركىيەنىڭ زەمبىرەكلىرىنىڭ سۇرىيەنىڭ لاتاكىيە ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللارنى ئاشكارلىغان.
كىناشىنكوف يەنە مۇنداق دېگەن: تۈركىيە يېرىم كېچىدە تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ئارقىلىق سۇرىيەنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ھەلەب ئۆلكىسى، ئىدلىب ئۆلكىسىدىكى قورالىق ئۇنسۇرلارنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىدى. ئەمما بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى، گەرچە رۇسىيە ھەر قايسى تەرەپلەرنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەش بۇرجەكلىك بىنا، شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتى ۋە ئاتالمىش سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرى بېشىنى ئىچىگە تىقىپ تۇرۇۋالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved