خۇددى فانتازىيىلىك فىلىملەردىكى ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتىدۇ دەيدىغان قاراش راست ئىشەنچلىكمۇ؟ ئەمەلىيەتتىمۇ، ھازىر ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلار قىلىدىغان نۇرغان خىزمەتلەرنى قىلالايدىغان بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، يەنە تۆت يىلدىن كېيىن، كۆپلىگەن ئامېرىكا ئائىلىلىرىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ماشىنا ئادىمى بار بولىدىكەن. Juniper Research نىڭ ھېسابلىشىچە، بۇ يىل ھەر 25 ئامېرىكا ئائىلىسىدە بىردىن ماشىنا ئادەم بار ئىكەن، 2020-يىلىغا بارغاندا بولسا بۇ سان كۆپىيىپ ھەر 10 ئائىلىگە بىردىن ماشىنا ئادەم توغرا كېلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىدىكەن.Juniper نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بارلىق ماشىنا ئادەملەرنى ئادەملەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ئوخشاش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. بۇ تەتقىقات شىركىتى ئۆزىنىڭ ماشىنا ئادىمىنى «مۇستەقىل، يۆتكىلەلەيدىغان ئېلېكتىرونلۇق ماشىنا» دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، ئائىلە خىزمىتىگە ۋە باشقا سودا خارەكتىرىنى ئالمىغان ئورۇنلاردا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىكەن.
مەلۇم بولىشىچە، ھازىرقى ماشىنا ئادەملەر بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىكى بىز ئۈچۈن تاماق ئېتىپ بېرىدىغان، ماشىنا ھەيدەپ بېرىدىغان ماشىنا ئادەملەرگە ئوخشىمايدىكەن، بۇماشىنا ئادەملەر دەسلەپتە ئۈستىگە ئالدىدىغان خىزمەتلەر ئادەمنى تازا خۇشال قىلالمايدىكەن. Juniper نىڭ دىيىشىچە، ماشىنا ئادەملەر «ئائىلە مۇلازىمىتىدىكى يېڭى دەۋىرنى ئاچقان». بۇ تەتقىقات شىركىتى يەنە Roomba نى مىسالغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ بىر يۇمىلاق شەكىلدىكى چاڭ توزاڭ سۈمۈرگۈچى ماشىنا ئادەم ئىكەن. نۆۋەتتە، ھەر قايسى شىركەتلەر باشتىن ئاخىر ئادەمدەك ھەركەت قىلالايدىغان ماشىنا ئادەملەرنى سىناق قىلىۋېتىپتۇ، يۇمشاق دېتال بانكىسىنىڭ Pepper ناملىق ماشىنا ئادىمى يېقىندىن بۇيان ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان ماشىنا ئادەملەرنىڭ بىرى ئىكەن، ئەمما Juniper نىڭ دېيىشىچە، بۇ تېخنىكا تېخى ئەمەلىي قوللىنىش باسقۇچىغا بېرىپ يەتمىگەن. ئامېرىكا مېيلىن بانكىسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ئادەم كەسپى 2020-يىلىغا بارغاندا كۆلىمى زورىيىپ 153 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. ئۇندىن باشقا تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسىك ۋە فىزىكا ئالىمى سىتىۋىن خاۋكىڭ قاتارلىقلار سۈنئى ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتىدىكى خەۋپ-خەتاردىن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved