شياڭگاڭدىكى قىسمەن كىشىلەر ئوتتۇرا ئايلانما يولنى ئىگەللەش قانۇنسىز يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى دەپسەندە قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇپ، جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ۋەكىللەر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ شياڭگاڭغا قاراتقان فاڭجېن سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوللاپ ۋە قوغداپ، ئوتتۇرا ئايلانما يولنى ئىگەللەش قانۇنسىز يىغىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇشۇناسلىق ئىنىسىتىتوتىنىڭ پروفېسسورى چېن رۇيخوڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئايلانما يولنى ئىگەللەش ــ شياڭگاڭدىكى ئاز بىر قىسىم كىىشلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قانۇنغا خىلاپ ۋاستە ئارقىلىق قوزغىغان قانۇنسىز يىغىلىش، ئوتتۇرا ئايلانما يولنى ئىگەللەش ھەرىكىتىنى تەشكىللىگۈچىلەر چىرايلىق گەپ سۆزلەر بىلەن «ئاۋام خەلق بۇيرۇققا قارشى تۇرۇش« قاتارلىق سۆزلەر ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى پەدەزلەپ، دۇنيا خەلقىنى ئالدىماقچى، ئاممىنى قۇتراتماقچى بولدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدىغانلىق، بۇنداق قىلمىش قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، كەڭ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈىدۇ، ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
جۇڭگو خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى گاۋ جىكەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، شياڭگاڭلىقلار بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش رامكىسى ئاستىدا تولۇق دېموكراتىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇپ كەلدى، تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى ــ دېموكراتىك ھوقۇق قانۇنلۇق بولۇش ئۇسۇلى بىلەن يۈرگۈزۈلىشى كېرەك، بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئايلانما يولنى ئىگەللەش ھەرىكىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق بۇ ھەرىكەت ھىچقانداق تەستىقتىن ئۆتمىگەن، ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ئېتىبارغا ئېلىنمىغان،زور كۆلەملىك قاتناش توسۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر كاشىلا قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر كۆرۈلگەن، ناھايىتى ئېنىقكى بۇ قانۇنلۇق ھەرىكەت ئەمەس.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش ئىتتىپاقى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: شياڭگاڭنىڭ سايلام يولىدا تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق مېڭىشى ئۈچۈن مەركەز ۋە ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتكە تايىنىپلا قالماي يەنە بارلىق شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايىنىش كېرەك، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، دېموكراتىيە مۇساپىسىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، نېگىزلىك قانۇن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارارى رامكىسى ئىچىدە ئۆز تەلىپىنى ئىپادىلەش بۈگۈنكى شياڭگاڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بىر چوڭ ئىش.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved