بىماۋېي خەلقئارا بوغالتىرخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان « جۇڭگو تور سودىسىنىڭ يېڭى دەۋرى» ناملىق دوكلاتتا ئايان بولۇشىچە ئۆتكەن يىلى جۇڭگودىكى ھەشەم بۇيۇملىرى ئىستېمالچىلىرى ئىچىدە %45ئى توردا سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپ مىقدارلىق ئالىي تاۋارلارنى ئىستېمال قىلغان، دوكلاتتا پەرەز قىلىنىشىچە، 2020-يىلىدىن بۇرۇن جۇڭگودا ھەشەم بۇيۇملىرى ئىستېمالچىلىرىنىڭ %50ئى تور ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىكەن.
دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگودا ھەشەم بۇيۇملىرى ئىستېمالىنىڭ ئوتتۇرىچە چىقىم سەۋىيەسى 2014-يىلدىكى دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتتىن ئازراق ئاشقان، زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئىستېمال قىلغان بارلىق ھەشەم بۇيۇملىرىنىڭ 3دىن بىرى توردىن سېتىۋېلىنغان، ئوتتۇرىچە ھەر بىر ھەشەم بۇيۇمى سودا سوممىسى تەخمىنەن 2300 يۈەن بولغان.
بىماۋېينىڭ جۇڭگودىكى خېرىدارلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كەسپىگە مەسئۇل شېرىكى چا ۋېيلياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار بارغانسېرى يېڭى تېخنىكىنى ئىگىلەۋاتىدۇ شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەتنى قوغلىشىۋاتىدۇ، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرىمەن دەيدىكەن بۇ يېڭى بازار مۇھىتىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved