2017-يىلى جوۋچى شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا قاتنىشىدۇ

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

« ۋاسكىتبول ئاۋانگارت گېزىتى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە گەرچە 2017-يىللىق تىيەنجىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا يەنە ئىككى يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت بولسىمۇ بىراق ھەرقايسى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كماندىلار ئارىسىدا تالانتلىقلارنى تالىشىش كۈرىشى باشلاندى. شىنجاڭنىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىغا سۇنغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا تىزىملىتىش توپچىلار تىزىملىكىدىن قارىغاندا جوۋ چىنىڭ ئىسمى يەنىلا شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى 2017-يىلىدىكى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىدا جوۋ چى لىياۋنىڭ كوماندىسىغا ۋەكىللىك قىلىپ توپ ئوينىماستىن بەلكى شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن توپ ئوينايدۇ.

 

تىيەنجىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندا 2014-يىلىلا توپچىلارنى تىزىملاتسا بولىدىكەن. 2015-يىلى تىزىملاتسىمۇ بولىدىكەن. بىراق 2015-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى مەزكۇر توپچىنى تىزىملىتىى كېرەك ئىكەن. بۇنداق بولغاندىلا ئاندىن مەزكۇر توپچى 2017-يىللىق تىيەنجىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا قاتنىشالايدىكەن.

 

2013-يىلى جوۋ چى لىياۋنىڭ ياشلار كوماندىسىغا ۋەكىللىك قىلىپ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە چېمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئەينى چاغدا جوچى نومۇر ئېلىش شاھى ، گاردىن قايتقان توپ ئېلىش شاھى ۋە قالپاق كەيۈزۈش شاھى قاتارلىق ئۈچ خىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە جوۋ چى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 20.8 نومۇر، 13.5 گاردىن قايتقان توپ ئالغان ۋە 4.8 قېتىم قالپاق كەيدۈرگەن.

 

بىراق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جوۋچى ئىختىيارى توپچىغا ئايلانغان ھەمدە لىياۋنىڭدىن ئايرىلىپ شىنجاڭ كوماندىسىغا قۇشۇلۇشنى قارار قىلغان. جوۋ چى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن يۇقىرى سوممىلىق توختام تۈزگەن. شۇ چاغدا گەرچە نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى جوۋ چىنى يەنىلا لىياۋنىڭ كوماندىسى ئۈچۈن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا قاتنىشىدۇ دەپ پەرەز قىلغان بولسىمۇ بىراق 2014-يىلى 1-ئايدا لىياۋنىڭ ۋاسكىتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى جوۋ چىنىڭ 2017-يللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىدا لىياۋنىڭ كوماندىسىغا ۋەكىللىك قىلىپ مەيدانغا چىقىدىغان ياكى چىقمايدىغانلىقى تېخى نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

ئۇنىڭدىن باشقا ئەينى چاغدا لىياۋنىڭ ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار جوۋ چى بىلەن تېخى بىرلىككە كېلەلمىگەن. بىراق ئۇلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ جوۋ چى بىلەن توختام تۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلار جوۋ چى بىلەن بىرلىككە كېلەلمىگەندەك قىلاتتى.

 

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھۇقۇقى ئۈسىدە لىياۋنىڭنىڭ جوۋ چىغا نىسبەتەن توختام ئۇزارتىش ھۇقۇقى بار ئىدى. مەسىلە شۇكى لىياۋنىڭ بۇ توختام ئۇزارتىش ھۇقۇقىدىن بىر يىل ئىچىدە پايدىلىنالىشى كېرەك يەنى 2015-يىلىدىن بۇرۇن جوۋ چى بىلەن  بىرلىككە كېلىپ بولۇشى بولمىسا بۇ ھۇقۇقى بىكار بولۇپ كېتەتتى. بىراق ھازىر شىنجاڭ ئاللىبۇرۇن جوۋ چىنى تىزىملىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ بولدى. شۇڭا لىياۋنىڭنىڭ ھۇقۇقى ئەمەلدىن قالدى.

 

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە جوۋچى جۇڭگۇ ئەرلەر كەسپىي ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىدە ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14.6 نومۇر ۋە 7.4 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا جوۋچى يەنە تېخى بىرلەشمىنىڭ قاپاق كەيدۈرۈش شاھى. پۇتى قايرىلىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن يېقىندىن بۇيان جوۋ چى مۇسابىقىگە قاتناشماي يارىسىنى داۋالاۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
10-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ۋاڭيى تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، مېھمان مەيداندا 1 : 2 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇ...
04-05-2016
     ئەتە سەھەر ئوينىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مانچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ مۇداپىيەچىسى زابالېتا ئ...
04-05-2016
      قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چېلىشىشقا ئامراق ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئوغلانلار›› مىللىيچە چېلىشىش...
04-05-2016
     لېيچېستېر شەھىرى بۇ پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ مەشقاۋۇلى رانېرىمۇ بىرلەشمىنىڭ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. رانېرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن ...
04-05-2016
    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشدا خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئىنگلاند زەردارى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن 0-0 تەڭلىشىپ قالدى. ناۋادا ئەتە سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدى...
04-05-2016
    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ ‹‹ۋاڭيۈەن›› بىيو تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە قوللاش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى 26 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى...
02-05-2016
     تاقا كوماندىسى بىلەن چاقماق كوماندىسىنىڭ ئۇچرىشىشى ئىزچىل تۈردە كىشىلەر تەرىپىدىن «كوللىكتىپ ۋاسكېتبول» بىلەن «شەخسىي تالانت» نىڭ رىقابىتى دەپ قارىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردىكى ئۇچرىشىشىمۇ...
02-05-2016
     2015-2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن بۇرۇن، AC مىلان كۇلۇبى 90 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىپ بىر قانچە پۇتبولچىنى سېتىۋالغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىرقى بىرلەشمىدىكى ئورنىغا قارىغاندا، 90 مىليون ياۋرو بۇ تارىخى ئۇزۇن...
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى، لاتۋىيە پايتەختى رىگادىكى ئېسپىلاندىن مەيدانى، رېستۇران مۇلازىملىرى لىققىدە مېنىرال سۇ قاچىلانغان ئېگىز ئىستاكان ۋە پەتنۇسلارنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى لاتۋىيە پايتەختى رىگادا...
01-05-2016
    «مىيۇنخېن كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە زەردارى بايرىن مېيۇنخېن ئۆز مەيدانىدا مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، رىبېرىنىڭ مادرىد ئاتلېتكا بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانل...
Powered by Leglek