بۇركىنا فاسونىڭ پايتەختىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئوندىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى تېلىگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى، ۋاگادۇگۇ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇركىنا فاسو قوراللىق ھەربىي قىسىمنىڭ ئىشتاب باشلىقى زاگىل 19-چېسلا بۇركىنا فاسونىڭ پايتەختى ۋاگادۇگۇدا زۇڭتۇڭنىڭ مۇھاپىزەتچى قىسمىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغانلىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش پائالىيىتىدە ئوندىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلىپ، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.


  زاگىل پۇقرالارنىڭ جىنايى ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، دۆلەت قوراللىق قىسمىنىڭ بۇرچىنىڭ خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلار ئاممىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچ بىر تەرەپ قىلىش ئامالىنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  16-چېسلادىن بۇيان، زۇڭتۇڭ مۇھاپىزەتچى قىسمىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغانلىقىدىن نارازى بولغان خەلق ۋاگادۇگۇنىڭ ھەر قايسى كوچىلىرىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن، ئەسكەرلەر نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئامما تاش-كېسەكلەر ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئالدىنقى كۈنى پايتەختتە توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلغان، يۈزدىن ئادەم يارىلانغان.


  مۇخبىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋاگادۇگۇنىڭ دوختۇرخانىلىرىغا نۇرغۇنلىغان يارىدارلار كۆرۈنگىلى كەلگەن بولۇپ، دوختۇر-سېسترالارنىڭ بېسىممۇ كۆپەيگەن.


بۇركىنا فاسو زۇڭتۇڭ مۇھاپىزەتچى قىسمىى 16-چېسلا ئۆتكۈنچى  زۇڭلىنى نەزەربەند قىلغان بولۇپ، 17-چېسلا ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى قولغا ئالغانلىقىنى، ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ھازىرقى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى تارقىتىۋېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە مۇھاپىزەتچى قىسىمنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، برىگادا گېنېرالى جىربىي دېئەندىلنى ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق ئورگان «مەملىكەتلىك دېموكراتىيە كومىتېتى»نىڭ رەئىسلىكىگە سايلىغان.


 ئافرىقا ئەللىرى ۋە تىنچلىق، بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسى 18-چېسلا ئېلان قىلغان چۈشەندۈرۈشىدە مۇنداق دېيىلگەن: بۇركىنا فاسونىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى ۋاقتىنچە بىكار قىلىش ھەمدە سىياسىي ئۆزگىرىشكە باشلامچىلىق قىلغانلارغا ئەمەلىي جازا بېرىش كېرەك. «مەملىكەتلىك دېموكراتىيە كومىتېتى»نى زۇڭتۇڭ مۇھاپىزەتچى قىسمىى نەزەربەند قىلغان ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭ مىشىر كافەن ۋە ئىككى نەپەر مىنىستىرنى قويۇپ بېرىشكە قىستاش.




خەتكۈچلەر:
20-09-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek