چارشەنبە 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1080.66 دوللارغىچە چىققان . ئاساسلىقى تۈركىيە كۈرەشچى ئايروپىلانى سۈرىيە چېگرىسىدىكى روسسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن خەۋىرى، ئالتۇن خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان.
خۇا چاۋ بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى يەنە ئۆسۈم قوشۇشنى كېچىكتۈرسە، ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1200 دوللار ئەتراپىغا چىقىشى مۇمكىن، ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم قوشۇشنى يولغا قويسا، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ 1050 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار دەپ كۆرسەتتى.
دۈشەنبە 11-ئاينىڭ24-كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن فوندى (ETF)--SPDR Gold Trust نىڭ ئالتۇن زاپىسى 655.69 توننا بولۇپ ئالدىنقى سودا كۈنىگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشاش بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved