‏نوكىيا 2016-يىلىغىچە يانفۇن بازىرىغا قايتىپ كىرىشى مۇمكىن ‏

سومرۇغ تورى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى، ئامېرىكا پەن - تېخنىكا مكرو بلوگى The Verge دىكى ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نوكىيا 2016 - يىلىدىن بۇرۇن يانفون بازىرىغا قايتىپ كىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۆز نۆۋىتىدە مەۋھۇم ئىشلىتىشچان تېخنىكلىق مەھسۇلاتلارنىمۇ ئېچىۋاتقان ئىكەن.
تەخمىنەن بىر يىل بۇرۇن مىكروسوفت تەرەپ نوكىيا شىركىتىنىڭ يانفون كەسپىنى سېتىۋالغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە فىنلاندىيە شىركىتى ( نوكىيانىڭ فىنلاندىيەدىكى باش شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ ) يىپيېڭىدىن يانفون ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى دېگەن خەۋەرلەرمۇ ئېقىپ يۈرگەن. پەن - تېخنىكا مىكروبىلوگى Recode دىكى ئىككى ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا نوكىيا ئەڭ بۇرۇن دېگەندىمۇ 2016 - يىلىدىن بۇرۇن يانفون ساھەسىگە يۈرۈش قىلىدىكەن .
نۆۋەتتە نوكىيا شىركىتىنىڭ قايسى شەكىلدە يانفون كەسىپىگە يۈرۈش قىلىش ئىنىق ئەمەس، بىراق مىكروسوفت بىلەن ئىمزالىغان كىلىشىمگە ئاساسلانغاندا، نوكىيا تەرەپ 2016 - يىلىدىن بۇرۇن مەزكۈر <<نوكىيا>> دېگەن ماركىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى يوق ئىكەن. يۇقىرىدىكى چەكلىمە تاختا كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. شۇنىڭغا ماس نوكىيا تەرەپ N1 Android تاختا كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىش باشلىغان. دېمەك نوكىيا تەرەپنىڭ يانفون ئىشلەپچىقىرىشى پەقەت ۋاقت مەسىلىسى بولۇپ قالغان.
ھازىر مىكروسوفت لومىيا تىپتىكى مەھسۇلاتلىرىغا <<نوكىيا>> ماركىسىنى ئىشلەتمەي بىۋاسىتە <> ئۆز نامىنى بېسىپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ يۇسۇندا ماڭىدۇ.
ئەگەر نوكىيا راستىنلام يانفون بازىرىغا قايتىپ كەلسە ئەڭ دەسلەپتە N1 Android نى ئېلان قىلىشى ئىنىق. نوكىيا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى باشلىنىش شۇكى، ئەسلىدىكى ئەسلىھە ئىشلەپچىقىرىش تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشقىنى، ئەمدى نوكىيا مۇشۇ ئەسلىھە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بىلەن يانفون ئىشلەپچىقىرىش ۋە نام قويۇش ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ بارىدۇ. نوكىيا يېقىندا ئاشكارىلىغان خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، ئۈچىنچى تەرەپ كارخانا بىۋاسىتە نوكىيا شىركىتىدىن ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىپ <<نوكىيا>> ماركىسىنى ئىشلىتىپ مەھسۇلات ۋە ئەسلىھە ياساپ چىقسا بولىدىكەن.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يانفون بازىرىغا قايتىپ كىلىش نوكىيا بايرىقى ئاستىدىكى تەتقىقات ۋە ياساپ چىقىرىش ئەترىتى كونكرېتنى ھالدا ئەمەلگە ئاشۇردىكەن. بۇ ئەترەت شۇنىڭ بىلەن بىرگە N1 Androidتاختا كومپيۇتېرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىكەن. Recodeنىڭ يەنە بىر مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، نوكىيا يەنە بىر مەۋھۇم ئىشلىتىشچان تېخنىكىسىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرىمۇ بار ئىكەن. سامسۇڭ ۋە Facebook شىركەتلىرى بىلەن رىقابەتگىمۇ تەييارلىق قىلىپ بولغان، نۆۋەتتە بۇ تەرەپلەردە ئېنىق مەلۇماتلار يوق .
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن نوكىيا 156مىليارد ياۋرولۇق باھا بىلەن تېلېگراف ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى Alcatel نى بىر قېتىملىق پۈتۈشۈش بىلەن سېتىۋالغان. بۇ كارخانىنى سېتىۋالغىنى دېمەك نوكىيا شىركىتى رەسمىي ئىرىكسون شىركىتى بىلەن كۈچ ئىلىشقۇدەك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.



22-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
    ئاندىرويىد يانفونى تىلغا ئېلىنغاندا، ئەستىن چىقىرىپ قويۇشقا بولمايدىغان بىر ماركا بار، ئۇ بولسىمۇ «گۇگۇلنىڭ ئۆز ئوغلى » دەپ تەرىپلىنىدىغان Nexus يانفونلىرى. گۇگۇل شىركىتى ھەر يىلى بىر قېتىم يېڭى Nexus يانفونىنى ۋەكالىت...
28-04-2016
    مېكسىكىدىن كەلتۈرۈلگەن Inferno يېقىندا ئوخشاش نامدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلدى، يالغۇز تاشقى كۆرۈنىشىگىلا قارىساق ئاغزىمىز ئېچىلىپلا قالىدۇ: بۇ ئاپتوموبىلنى ئىتالىيىلىك داڭلىق ئىنژىنېر، Lamb...
28-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل بىلەن شوپۇرسىز ئاپتوموبىل يەنىلا ئاممىنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشكە موھتاج بولۇپ، تېسلا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئې...
28-04-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو 25-ئاپرېل تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇا يى) ياپونىيەدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى قوبۇل قىلسا بەدىنى يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدىغان ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق ماكاكا مايمۇنىنى يېتىلدۈرۈپ چىققان، ت...
28-04-2016
     ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى تەكشۈرۈش تېخنىكا شىركىتى SpaceX نىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى جاكارلىشىچە، 2018-يىلى مارسقا يېڭى تىپتىكى Dragon 2 ئالەم كېمىسىنى چىقىرىدىكەن، ئەمما ئالەم كېمىسىدە ئالەم ئۇچقۇچىسى يوق بولۇپ، ئۇچق...
28-04-2016
    فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيە ئالىملىرى تېرە ھۈجەيرىسىدىن ئىنسانلار ئىسپېرمىسىنى ياساپ چىققانلىقىنى ئېيتقان.  مېدىتسىنادىكى بۇ ئۇلۇغ باشلىنىشنىڭ پەرزەنتلىك بولالماسلىققا چى...
28-04-2016
    4 -ئاينىڭ 25-كۈنى سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى يىپەك توقۇش ۋە كىيىم-كېچەك قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى بىر تۈركۈم ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان، بۇلار شىنجاڭدىن كەلگەن 65 نەپەر ئاساسى قاتلامدىكى لايىھەلىگۈچى بولۇپ، بۇلار سۇجۇ ئۇنىۋې...
28-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ ما ئەنشەن شەھىرى. ما ئەنشەن ناھىسيەسى يۈنشەن بازىرى جاڭدۇ كەندىكى دېھقان جاڭ شېڭۋۇ كەشىپ قىلغان يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى كېمىسى سۇدا ئۈزۈپ يۈرمەكتە. بۇ يى...
28-04-2016
    ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋر قىلىشىچە، ياپونىيە ئىقتىساد سانائەت ۋازارىتى يېقىندا مۆلچەر دوكلاتى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ماشىنا ئادەم قاتارلىق تېخنىكا ئىنقىلابى سەۋەبىدىن، ناۋادا ھېچقاند...
28-04-2016
    ئامېرىكا تورى valuewalk نىڭ 26-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، سامسۇڭ ھازىر يېڭى بىر ئەۋلاد مەھسۇلات Note6 نىڭ تاختا يانفونىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئىككى نۇسخا يېڭى مەھسۇلات تەييارلىدى. كۆپلىگەن تورلار گوللاندىيە تورى GSMHel...
Powered by Leglek