ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئاياللار كۈنىگە ئۈچ لېتىر سۇ ئىچىپ بەرسە، پايدىلىق ئىكەن. ئەنگلىيەدىكى ئايال مۇخبىر سارا ئۇزاق مەزگىل بېشى ئاغرىش ۋە ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك مەسلىھەت سورىغان، دوختۇر بىلەن ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى ھەر كۈنى ئۈچ لېتىر سۇ ئىچىپ بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن. تۆت ھەپتىدىن كېيىن سارانىڭ باش ئاغرىقىمۇ يېنىكلىگەن، ئۆزىنى ئون ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلغان.
ئىگىلىنىشچە، ئەنگلىيەدىكى %20 ئايالنىڭ سۇ ئىچىش ئۆلچىمى نورمال بولغان سۇ ئىچىش ئۆلچىمىگە يەتمەيدىكەن. بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار توكسىننى بەدەن سىرتىغا ھەيدەشتە سۇغا ئېھتىياجىلىق بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار كۈنىگە ئۈچ لېتىر سۇ ئىچىپ بەرسە چىرايى نۇرلىنىپ، قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved