بۇ يىل قىشتا شەھىرىمىزدە 150 خىل كۆكتات بازارغا سېلىنىدۇ
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل قىشتا شەھىرىمىزدە 150 خىل كۆكتات بازارغا سېلىنىدىكەن، بۇ بەش يىل ئىلگىرىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق ئىكەن.
شەھىرىمىزدە قىش پەسلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتنىڭ تۈرى 80 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېتىشتۈرۈلگەن ۋە باشقا جايدىن كىرگۈزۈلگەن كۆكتاتنىڭ تۈرى 120 خىلغا يەتكەن، تەكرارلانغان كۆكتات تۈرلىرىنى بىر قىلىپ ھېسابلىغاندا، بۇ يىل قىشتا شەھىرىمىزدە بازارغا سېلىنىدىغان كۆكتاتنىڭ تۈرى ئاز بولغاندا 150 خىلغا يېتىدىكەن. شەھىرىمىز يىلدا 1 مىليون توننا كۆكتاتقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، قىش ۋە ئەتىياز(ھەر يىلى نويابىردىن ياندۇرقى يىلى ئاپرېلغىچە) دا ئۈرۈمچىنىڭ يەرلىك يېسسىۋېلىكى، بەرەڭگىسى (ياڭيۇ)، تۇرۇپىدىن باشقا پەسىلسىز كۆكتاتلارنىڭ %20 ىنى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلار تەمىنلەيدىكەن، %80 ىنى ئىچكى ئۆلكىلەر تەمىنلەيدىكەن.
شەھەرلىك دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان يۈننەننىڭ كۆكتاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرگۈزۈلۈشى ۋە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى بىلەن شەھىرىمىزنىڭ قىشلىق كۆكتات تەمىناتى زور دەرىجىدە ئاشقان. گەرچە ئۆزىمىزنىڭ يەرلىرىدىن چىقىدىغان كۆكتاتلارنىڭ مىقدارى ئاز بولسىمۇ، ئەمما كۆكتاتلارنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپەيگەن.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved