كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە مۇھىت مىنىستىرلىقى 26-نويابىر، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاممىباب شىركىتىنىڭ Tiguan دىزېل تىپلىق ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئالدامچىلىق يۇمشاق دېتالى قاچىلانغانلىقىنى بايقىغانلىقتىن، 23-نويابىر ئاممىباب شىركىتىنى 125522 ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇغان ھەمدە 14.1 مىليون كورىيە ۋونى (تەخمىنەن 79.09 مىليون يۈەن) جەرىمانە قويغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، كورىيە مۇھىت مىنىستىرلىقى ئاممىباب شىركىتىنىڭ ئالتە خىل تىپتىكى يەتتە دىزېل ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرگەندە، كونا شەكىلدىكى EA189 ماتورى سەپلەنگەن Tiguan Euro 5 ئاپتوموبىلغا قەستەن قالدۇق گازنى قايتا ئايلاندۇرۇش سىستېمىسى (EGR) سەپلىگەنلىكىنى، ئەمەلىي گاز قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ ئۆي ئىچىدە ئۆلچىگەندىكىگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوموبىللارنى سېتىشتىن توختىتىپ، قايتۇرۇش ۋە جەرىمانە قويۇشتىن سىرت، مۇھىت مىنىستىرلىقى يەنە بۇ ئاپتوموبىللارنى مەمۇرىي جەھەتتىن تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
كورىيەدىكى ئاۋدى، ئاممىباب ئاپتوموبىللىرى چوقۇم كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن بۇرۇن، قايتۇرۇۋېلىش پىلانىنى مۇھىت مىنىستىرلىقىغا يوللاپ، قالدۇق گاز مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى ۋە قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى ماي سەرپىياتنىڭ ئۆزگىرىش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
كورىيە مۇھىت مىنىستىرلىقى كېلەر ئايدا، تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كورىيەدە دىزېل ئاپتوموبىلى ساتىدىغان خيۇنداي، كىيا، كورىيە ھەممىباب ئاپتوموبىلى، رېنولت سامسۇڭ، ساڭيوڭ، ئاۋدى، تۇلپارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرىغا كېڭەيتىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved