نەننىڭ 15-يانۋار تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، گۇاڭشى نەننىڭ ساقچى تەرەپ توردا قورال-ياراغ ئېلىپ-سېتىش ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلىپ، قورال-ياراغ زاپچاسلىرىنى ياساش ۋە پىششىقلاپ ئورنىدىن تۆتنى بىتچىت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قورال-ياراغلارنى ئېلىپ-سېتىش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، 10 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى، بىن ياڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان بىر قورال-ياراغ پىششىقلاش ئۇۋىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا پوچتىدىن پوسۇلكا ئەۋەتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن ۋاكالەتچىلىرىنى 100 دىن ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە 20 نەچچە ئۆلكە، شەھەرگە تارقالغان ئىدى. نەننىڭ ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر 11-ئايدا، نەننىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تور ساقچىسى تارماق ئەترىتى يىپ ئۇچى ئىگىلىگەن بولۇپ، چېن فامىلىلىك بىرەيلەن قورال-ياراغ ھەۋەسكارلىرى QQ توپىغا قېتىلىپ، قورال-ياراغ زاپچاسلارنى سېتىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى تارقاتقان ھەمدە پوچتا ئارقىلىق قورال-ياراغلارنى سىرتقا چىقارغان.
نەننىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى «خاسىيەتلىك قىلىچ 1-نومۇر» بۇ قېتىمقى دېلو يىپ ئۇچىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر ئايغا يېقىن تەھقىقلەش ئارقىلىق، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، چېن فامىلىلىك تۇرۇشلۇق جاي بىنياڭ ناھىيەسىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇۋىسىغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلغان. گەن فامىلىلىك مەلۇم ئاتا-بالا ھەم بەش خىل مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش ئورنى بولسا، قورال-ياراغ زاپچاسلىرىنى تېز يەتكۈزۈش تور نۇقتىسى بولۇپ، ھەرىكەت جەريانىدا، جەمئىي يەتتە جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشكەن. ساقچى تەرەپ يەنە قۇرال-ياراغ زاپچاسلىرىنى ياساش ئىستانوكتىن 3چنى، يەل مىلتىقتىن 2 دانە، ئوۋ مىلتىقى 2 دانە، ئوۋ مىلتىقى مىشەك 967 تال، ئوۋ مىلتىقى ئوق ھالقا 500 يۈز، مىلتىق پاينىكى 8 دانە، بىر دانە ئىستانوك ۋە قارا مىلتىق دورىسىدىن 1021 گرام، قوغۇشۇن ئوق قاتارلىق قورال-ياراغ ئوق دورىلىرىنى ياساش ئورنىنى قولغا چۈشۈرگەن.
نەننىڭ ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر 10-ئايدىن 1-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە «خاسىيەتلىك قىلىچ 1-نومۇر» قورال-ياراغلارنى پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشقا قارىتا مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ساقچى تەرەپ پارتلىتىشقا چېتىشلىق دېلودىن 220 نى پاش قىلىپ، قورالغا چېتىشلىق شايكىسىدىن سەككىزنى، پارتلىتىش بۇيۇملىرىغا چېتىشلىق شايكىدىن تۆتنى، قورالغا چېتىشلىق ئۇۋىدىن بەشنى، جىنايەت گۇماندارىدىن 228 نەپەر، مىلتىق247، ئوق 43594 تال، پارتلاتقۇچ دورا 2784.9 كىلوگىرام، قارا مىلتىق دورىسى 649. 7635 كىلوگرام، پىستان 732 دانە، ئوت پۈركۈگۈچ 1300، ئارقان 1300 دانە، ئېلېكتىرلىق ئوت ئالدۇرۇش ماشىنىسى 61، ئاۋاز يوقاتقۇچ 190 دانە قاتارلىق دېلوغا چېتىشلىق بىر تۈركۈم بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈرگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved