16-مارت، قىرىم ئۇكىرائىنادىن ئايرىلىپ رۇسىيەگە قوشۇلامدۇ يوق دېگەننى ئومۇم خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى، ئۇكىرائىنادا ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن باشلاپ تەۋرىنىش كۆرۈلۈپ ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. غەربتىكى داڭلىق ژۇرنال «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلىدا مارتنىڭ باشلىرى بۇ ھەقتە «دېمۇكىراتىيىنىڭ كېسىلى نەدە» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇكىرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا دېمۇكىراتىيە يولۇققان قېيىنچىلىق ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈلدى.
ئۇكىرائىنانىڭ دېمۇكىراتىيىدە بۇرۇلۇش ياسىشى مەغلۇپ بولدى دەپ ئېيتىشتا ھىچقانداق مەسىلە يوق. مەسىلە ئۇكىرائىنانىڭ دېمۇكىراتىيە كېسىلى زادى نىمە دېگەندە؟
ئۇكىرائىنانىڭ ھازىرقى زېمىنى رۇس ئىمپىرىيىسى بولغان-سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزلۈكسىز غەربكە كېڭىيىشتىن شەكىللەنگەن. رۇسىيەگە كىرگەن ئالدى كەينى تەرتىپ بويىچە رۇسىيەنىڭ پراۋوسلاۋىيە دىنى مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلىشىدا پەرق مەۋجۈت، ئىلگىرى بار بولغان مۇستەملىكىلەرمۇ ئۆز رايونىدا ئۆزىنىڭ ئىزىنى قالدۇرغان. شەرقىي قىسىم رايونى پراۋوسلاۋىيە دىنىنى قۇبۇل قىلغان. غەربىي رايون بولسا كاتولىك دىنىنى ساقلاپ قالغان، ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ گىرەلىشىشى ھەتتا ئۇنىئاتىزىمدىن ئىبارەت بۇ ئاجايىپ تارماقنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇلار گرېتسىيە دىنىنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى ساقلاپ قالغان، رىم دىنىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسىنىدۇ.
ئۇكىرائىنادىكى ھەر قايسى رايونلارنىڭ پەرقى زور، يۈزەكى ئۆلچەم بويىچە بولغاندىمۇ، ئۇكىرائىنانى بەش قىسىمغا بۆلگىلى بولىدۇ. 1991-يىلى ئۇكىرائىنا ئالدىراپ مۇستەقىل بولغاندا، ئوخشاش بولمىغان تارىخى مەنبە، ئوخشاش بولمىغان دىنى ئېتىقاد، ئوخشاش بولمىغان مىللەت قۇرۇلمىسى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشىدىكى رايونلار بىردەك ئۇكىرائىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىگە كىردى. بۇ دۆلەت ياۋروپا بويىچە زېمىن كۆلىمى جەھەتتە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھىچقانداق ئۇيۇشۇش كۈچىمۇ يوق ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋارسلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇكىرائىنا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇرەككەپ مىللى مۇناسىۋىتىگە ۋارسلىق قىلدى، ئانچە چوڭ بولمىغان دۆلەت تەۋەسىدە چوڭ كىچىك بولۇپ 130 نەچچە مىللەت ياشىدى، ئەزەلدىن بۇيان توقۇنۇش ئۈزۈلمىدى. ئۇكىرائىنلار يەھۇدىلەرنى قىرغان، رۇسلار تاتارلارنى قوغلاپ چىققان، ئۇكىرائىنلار رۇسلار بىلەن ئۇرۇشقان. بۇ خىل رايون توقۇنۇشى ۋە مىللىي زىددىيەت تۈپەيلىدىن دېمۇكىراتىك مىللىي دۆلەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىھتىياجلىق بولغان ئەڭ ئاساسىي ياراشتۇرۇش ۋە كەڭ قورساقلىقنى يېتىشتۈرۈش مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن ئورتاق تارىخىي ئەسلىمە ئۇكىرائىنادىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان چىقىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇكىرائىنا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئويلاشقاندا، ئۇ ئەكسىچە ئىش كۆرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىنى قاراڭغۇ قىلىپ بايان قىلىپ، ئورتاق ئازاپلىق ئەسلىمىنى ئاساس قىلىپ ئورتاق مىللىي ئاڭنى بەرپا قىلىش ئويىدا بولدى.
بۇ خىل قۇرۇلما ئالدى بىلەن تارىخىي ئەمەلىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھى ئىچىدە رۇسلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى نوپۇس ئومۇمىي سانىغا ئاساسەن ئېيتىلغان. بۇنى تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇكىرائىنادىن چىققان خىروشوف بىلەن بېرژېنېف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىرائىنادىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا 28 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇكىرائىنادىكى مىللەتپەرۋەرلەر سوۋېتلىشىش داۋامىدا ھەتتا تېخىمۇ ئىلگىرلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى، كوممۇنىزىم ۋە رۇسىيەنى تەڭ ئورۇنغا قويدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقنى رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئۇكىرائىناغا قاراتقان ئىرقى يوقىتىش ھەرىكىتى دېدى. ئۇكىرائىنادىكى ئۆكتىچى گۇرۇھى ۋە مىللىيپەرەسلەر لېنىننىڭ ھەيكىلىنى ئاغدۇرۋېتىش ئارقىلىق ئۇكىرائىنا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخى مۇناسىۋىتىنى پارچىلىدى. لېنىندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يەنە قايسى بىر ئوبراز ئۇكىرائىنا تەۋەسىدىكى بارلىق مىللەتلەرنى بىر يەرگە ئۇيۇشتۇرالايدۇ؟
مەملىكەت ئىچىدىكى ئىككى قۇتۇپلىشىش ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئۇكىرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا پۈرسەت يارىتىپ بەردى، ھەتتا مەملىكەت ئىچى سىياسىي سەھنىسىدە رۇسپەرەسلەر بىلەن غەربپەرەسلەرنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى رۇشەن بولدى. مەملىكەت ئىچى سىياسىي پۈتۈنلۈي خەلقئارالاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇكىرائىنانىڭ دېمۇكىراتىك تۈزۈمنى ئاۋازغا قويۇشىنىڭ ئاساسىيمۇ يوقىدى. بۇ خىل تۈزۈم، سايلىغۇچى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ ياكى رۇسىيە بىلەن غەرب تىركىشىدىغان جەڭ مەيدانىمۇ؟
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved