چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 16-دېكابىر: ئامېرىكا چاۋشيەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش تەكلىپىگە ئىنكاس قايتۇرماستىن، ئەكسىچە چاۋشيەنگە قارشى تۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن سەمىمىي تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى، ئامېرىكا چاۋشيەنگە داۋاملىق تۈردە دۈشمەنلىشىش سىياسىتى يۈرگۈزسە، يامان ئاقىۋەتكە قېلىشى مۇمكىن، دېگەن.
بۇ باياناتچى يەنە: چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىنى تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا دەۋەت قىلىشى بارلىق مەسىلىلەرنى مەنبەسىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن. ئامېرىكا چاۋشيەنگە قاراتقان دۈشمەنلىشىش سىياسىتىدىن ۋاز كەچسە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىشىش مۇناسىۋىتى يوقىلىپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۇزاققىچە داۋام قىلاتتى. ئامېرىكا داۋاملىق تۈردە چاۋشيەننىڭ قورال كۈچى، ھەربىي لازىمەتلىكلىرى، سودا ئورگانلىرى، كادىرلار، ھەتتا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى ھەمدە چاۋشيەننىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا چاۋشيەن بىلەن دۈشمەنلىشىش غەرىزىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بىلەن، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى سۆزى بىلەن زىت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگوسى چاۋشيەن ھەربىي تەمىنات سودا تارماقلىرىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved